Uyghur主要词典
نوغۇچ
مەنىداش سۆزلۈكلەر
خېمىرنى يېيىش، زوۋۇلىدىن جىلىت ئېچىش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان ياغاچ تاياق.
<نوغۇچ> ئۇزۇن بولىدۇ، چۆپ يېيىلىدۇ.
<پۇزا> قىسقا بولىدۇ، جىلىت ئېچىلىدۇ.
<خالو> قۇمۇل شېۋىسىدە <پۇزا>.
<سېكىلەك> تۇرپان شېۋىسىدە <پۇزا>.
شىۋىلەر
لوپنۇر شىۋىسى
يىپ ئايرىش تاياقچىسى.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
خېمىرنى يېيىش ئۈچۈن ياغاچتىن ياسالغان ئوتتۇرىسى توم، ئىككى ئۇچى ئىنچىكە، 70 - 80 سانتىمېتىر ئۇزۇنلۇقتىكى ئۆي سايمىنى.
دىئال. يىپ ئايرىش تاياقچىسى.