Uyghur主要词典
نۆۋەت
مەنىداش سۆزلۈكلەر
مىقدار سۆز: ھەرىكەتنىڭ بىرلىكلىرى.
رەت ئورنىنى تاپىدۇ. ئەقىللىق ئادەم بىر تاشقا ئىككى قېتىم پۇتلاشمايدۇ. مەرتەم، مەرتەم _ ئۈچ مەرتەم. كۆپ ئىش قىلىشنىڭ يولى _ ھەر سەپەردە بىرلا ئىشنى قىلىش. ھەر قانداق كىتابنى بىر قۇر ئوقۇپ باقماق زىيانلىق ئەمەس. نەچچە نۆۋەت مەغلۇپ بولساڭمۇ، ئىشىڭ ھەق بولسا ئۇتىسەن.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
بىرىن - سىرىن، بىرىدىن كېيىن بىرى ئىشلىنىدىغان ئىش - ھەرىكەتنىڭ تەرتىپى.
تۈگمەنگە نۆۋىتىڭ كەلگەندە بار. مۆرىتى كەلگەندە دەيدىغاننى دېۋالدىم. كېزەك كەلسە، كېرەك پۈتىدۇ.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ئەرەبچە
شەيئىلەرنىڭ ماكان ياكى زاماندىكى ئورۇنلىشىشىنىڭ ئىلگىرى - كېيىنلىك تەرتىپى؛ ئۆچىرەت.
سۆز نۆۋىتى ئوقۇغۇچىلار ۋەكىلى مۇختارغا كەلگەنىدى.
قېتىم.
ئەرگە بىر نۆۋەت، يەرگە بىر نۆۋەت (ماقال).
پەيت، پۇرسەت.
ئۇ ئىشنى نۆۋىتى كەلگەندە كۆرەرمىز.