Uyghur主要词典
نوبىيە
دۇنيا تارىخى
قەدىمكى مىسىرلىقلار بۇ جاينى كۇش دەپ ئاتىغان، قەدىمكى ئېفىئوپىيە (ھەبەشىستان) دەپمۇ ئاتالغان. شەرقىي ئافرىقىدىكى قەدىمىي دۆلەت. نوبىيە نىل دەرياسى بىرىنچى شارقىراتمىسىنىڭ جەنۇبىدىن ئاقنىل دەرياسى بىلەن كۆك نىل دەرياسى قوشۇلىدىغان يەرگىچە بولغان كەڭ جايلارغا توغرا كېلىدۇ. ئۇ يەردە ئالتۇن كۆپ چىقىدىغنالىقى بىلەن مەشھۇر ئىدى. داڭق چىقارغان، پىل چىشى، گۆھەر، خۇش پۇيراق ماتېرىياللىرى قاتارلىق قىممەتلىك بۇيۇملارنىمۇ ئىشلەپ چىقىراتتى. مىلادىدىن 4000 يىل ئىلگىرى برونزا قورال دەۋرىگە قەدەم قويغان. لېكىن ئۇنىڭ تارىخىي تەرەققىياتى مىسىرغا قارىغاندا ئاستا بولغان. مىلادىدىن 3000 يىل ئىلگىرىكى مەزەىلنىڭ ئوتتۇرىلىرىدىن بۇيان مىسىر ھۆكۈمرانلىرى نوبىيىگە كۆپ قېتىم بېسىپ كىرىپ، بايلىق، يەر - زېمىن ۋە قۇللارنى بۇلاپ - تالىغان. مىلادىدىن ئىلگىرى 2000 يىللارنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا مىسىر نوبيىنى بويسۇندۇرۇپ، بېقىندىسىغا ئايلاندۇرغان. مىلادىدىن ئىلگىرىكى Ⅺ ئەسىردە مۇستەقىل بولغان. مىلادىدىن ئىلگىرىكى Ⅷ ئەسىردە، نوبىيە پادىشاھى ىئانىسى (تەخمىنەن مىلادىدىن ئىلگىرى 751 - 710) ناپاتا (ھازىرقى سۇدان چېگرىسى ئىچىدە) نى مەركەز قىلىپ، نىل دەرياسى ۋادىسىدىكى كۆپلىگەن رايونلار (بىرىنچى شارقىراتمىدىن ئالتىنچى شارقىراتمىغىچە) نى بىرلىككە كەلتۈرگەن ھەمدە مىسىرغا يۈرۈش قىلىپ، تېمناختې (24-سۇلالىسىنىڭ پادىشاھى) نىڭ ھۆكۈمرانلىقىنى ئاغدۇرۇپ، مىسىر تارىخىدىكى 52-سۇلالىسىنى قۇرغان (تەخمىنەن مىلادىدىن ئىلگىرى 730 - 656). ئۇ <نوبىيە خاندانلىقى> ياكى <ئېفىئوپىيە خاندانلىقى> دەپمۇ ئاتالغان. كلاسسىك يازغۇچىلار نوبىيىنى <نىل دەرياسىدىكى ئېفىئوپىيە> دەپ ئاتىغان. مىلادىدىن 661-يىل ئىلگىرى ئاسسۇرىيىلىكلەر تەرىپىدىن مەغلۇپ قىلىنىپ، مىسىردىن چېكىنىپ چىققان. مىلادىدىن 590 يىل ئىلگىرى پايتەختىنى مېروۋېغا كۆچۈرۈپ، كۇش تاىرخىدىكى مېروۋې پادىشاھلىقىنى قۇرغان. مىلادى Ⅰ ئەسىردىن Ⅲ ئەسىرگىچە ئومۇميۈزلۈك گۈللىنىپ، قەدىمكى ئافرىقىنىڭ تۆمۈر تاۋلاش مەركەزلىرىنىڭ بىرىگە ئايلانغان. يېزا ئىگىلىكى ۋە قول ھۈنەرۋەنچىلىكى راۋاجلانغان بولۇپ، ئافرىقىنىڭ ئىچكى جايلىرى، مىسىر، غەربىي ئاسىيا ۋە ھىندىستان بىلەن سودا ئالاقىسى بولغان. ئېروگېلېق يېزىق ئىجاد قىلغان. تەخمىنەن 350-يىلى ئاقسۇم پادىشاھلىقىنىڭ تاجاۋۇزىغا ئۇچراپ، مېروۋې شەھىرى ۋەيران قىلىنىپ پادىشاھلىق مۇنقەرز بولغان.