Uyghur主要词典
نىنېۋې
دۇنيا تارىخى
ئاسسۇرىيە ئىمپېرىيىسىنىڭ پايتەختى دەجلە دەرياسىنىڭ شەرقىي قىرغىقى (ھازىرقى ئىراقنىڭ موسۇل دېگەن يېرىنىڭ يېنى) غا جايلاشقان. مىلادىدىن بۇرۇنقى Ⅷ ئەسىرنىڭ ئاخىرقى مەزگىللىرىدە ئاسسۇرىيە پادىشاھى سېنناخېرىب يېڭى پايتەخت قىلىپ قۇرغان. شۇنىڭدىن كېيىن تارىختىكى پادىشاھلار كېڭەيتىپ، ئاسسۇرىيە ئىمپېرىيىسىنىڭ سىياسىي، ئىقتىسادىي مەركىزىگە شۇنداقلا غەربىي ئاسىيا رايونى بويىچە سودىگەرلەر توپلىشىدىغان سودا بازىرىغا ئايلانغان. ئاسسۇرىيە ئىستېلاچىلىرى كۆپلىگەن ئۇرۇش غەنىيمەتلىرى (قۇللارمۇ بار) نى قولغا كىرگۈزۈپ ھەمدە جايلاردىن رەھىمسىزلىك بىلەن ئولپان يىغىپ، نىنېۋېنى بايلىق بىلەن تولدۇرۇۋەتكەن، ئۇ قەدىمكى ھۆججەتلەردە <قانلىق شەھەر> دەپ ئاتالغان. مىلادىدىن 612 يىل ئىلگىرى، مېدىيەلىكلەر بىلەن خالدانلارنىڭ بىرلەشمە ئارمىيىسى شەھەرنى تارتىۋېلىپ، ۋەيران قىلغان (بۇ، تارىختا <نىنېۋې شەھىرىنىڭ قولدىن كېتىشى> دەپ ئاتىلدىۇ). ⅩⅨ ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا، ئارخېئولوگلار بۇ يەردىن تەخمىنەن 121 ئېغىز مېھمانخانىسى ۋە 30 ھويلىسى بولغان غايەت زور خان ئوردىسى خارابىسىنى قېزىپ چىققان، ئۇنىڭ تاملىرىغا غايەت زور ئاجايىپ ھايۋانلارنىڭ سۈرىتى نەقىشلەنگەن يەنە مەشھۇر <ئاسۇربانىپال كۇتۇپخانىسى> نى قېزىپ چىققان، ئۇنىڭدا 20 مىڭ بارچىدىن ئارتۇق مىخ يېزىقلىق سېغىز بەت ساقلانغان بولۇپ، بۇ دىنىي رىۋايەت، ئەدەبىي ئەسەر قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان. بۇلار ئاسۇرىيە ئىمپېرىيىسىنىڭ تارىخى ۋە ئىككى دەريا ۋادىسى رايونلىرىنىڭ مەدەنىيىتىنى تەتقىق قىلىشنى مۇھىم ماتېرىيال بىلەن تەمىنلىگەن.