—参考资料
نەنچاڭ
领域: جۇڭگونىڭ مەشھۇر شەھەرلەرنەنچاڭ جياڭشى ئۆلكىسىنىڭ شىمالىي قىسمىغا، گەنجياڭ دەرياسىنىڭ تۆۋەنكى ئېقىنىغا جايلاشقان، سۇ ۋە قۇرۇقلۇق قاتنىشى تەرەققىي قىلغان ئىستراتېگىيىلىك مۇھىم جاي. قەدىمدىن «ئۈچ دەريا، بەش كۆل بىلەن تۇتىشىدىغان جاي» دېگەن نامى بار. خەن سۇلالىسى بۇ يەردە يۆجاڭ ۋىلايىتىنى، سۇي سۇلالىسى خۇڭجۇ ۋىلايىتىنى تەسىس قىلغان؛ تاڭ سۇلالىسى، بەش دەۋردىن تارتىپ مىڭ، چىڭ سۇلالىلىرىغىچە ئىزچىل تۈردە تارىخىي داڭلىق شەھەر بولۇپ كەلگەن.1927 - يىل8 - ئاينىڭ1 - كۈنى جۇ ئېنلەي، جۇ دې، خې لۇڭ قاتارلىق كىشىلەر بۇ يەردە نەنچاڭ قوزغىلىڭىنى تەشكىللەپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسى رەھبەرلىكىدىكى قوراللىق كۈرەش ۋە خەلق ئارمىيىسى قۇرۇشنىڭ يېڭى ئەسىرىنى ياراتقان. ھازىرغىچە ساقلىنىۋاتقان ئىنقىلابىي خارابىلەر ۋە مەشھۇر يادىكارلىقلاردىن «1 - ئاۋغۇست» نەنچاڭ قوزغىلىڭى قوماندانلىق باش شتابىنىڭ كونا ئورنى ۋە خاتىرە سارىيى، خاتىرە مۇنارى، ئىنقىلابىي قۇربانلار خاتىرە سارىيى، ئىنقىلابىي قۇربان فاڭ جىمىننىڭ قەبرىسى ۋە چىڭيۈنپۇ، بەيخۇاجۇ قاتارلىقلار بار. تېڭۋاڭ راۋىقى ۋۇخەندىكى خۇاڭخې (سېرىق تۇرنا) راۋىقى، خۇنەندىكى يۆياڭ راۋىقى بىلەن بىر قاتاردا جەنۇبىي جۇڭگودىكى ئۈچ چوڭ راۋاق دەپ ئاتىلىدۇ. تاڭ سۇلالىسى يۇڭخۇينىڭ4 - يىلى (653 - يىلى) تاڭ تەيزۇڭنىڭ ئۇكىسى «تېڭۋاڭ» لى يۈەنيىڭ خۇڭجۇ ۋىلايىتىنىڭ ۋالىيسى بولغاندا سالدۇرغان بولۇپ، بۇنىڭغا ۋاڭ بو «تېڭۋاڭ راۋىقىدىكى مۇقەددىمە» نى يازغانلىقتىن، نامى زاماندىن - زامانغا تارقىلىپ كەلگەن.
例句
بىز نەنچاڭغا بارغاندا، گەنجياڭ دەرياسىنى ئۆتتۇق.
翻译: We crossed the Gan River when we went to Nanchang.
关于该词条
这是一个xx–xx词典词条。
该词条来自 Lughet 收录的参考资料。
该词在 Lughet 收录的其他来源中也有释义 — 见下方列表。