Uyghur←Chinese主要词典
نىمتىز
دۇنيا تارىخى
尼米兹
ní mǐ zī
(1885 - 1966) ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيە ئادمىرالى. 1905-يىلى دېڭىز ئارمىيە ئواىتسېرلار مەكتىپىنى پۈتتۈرگەن. بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە، ئامېرىكا ئاتلانتىك ئوكيان سۇ ئاستى پارفخوتلىرى فلوتىنىڭ شتاب باشلىقى بولغان. 1939 - 1941-يىللىرى ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيىسى مىنىستىرلىكى دېڭىز قانتاش ئىدارىسىنىڭ بالشىقى بولغان. پيورل - خاربور ۋەقەسىدىن كېيىن، تىنچ ئوكيان فلوتىنىڭ قوماندانى ھەمدە قوشۇمچە تىنچ ئوكيان رايونىنىڭ باش قوماندانى بولغان. 1942-يىلى گۋادلكاتال ئارىلىدىكى ياپونغا قارشى دڭىز ئۇرۇشىنىڭ غەلبىسىنى قولغا كەلتۈرگەن. ئىككىنچى يىلى سولومون تاقىم ئاراللىرى، گىلبېرت تاقىم ئاراللىرى ۋە مارشالل تاقىم ئاراللىرى جېڭىنى قوزغىغان. 1944-يىلى 9-ئايدا ياپونىيىنىڭ تەسلىمىنى قوبۇل قىلىش مۇراسىمىغا قاتناشقان، ئۇرۇشتىن كېيىن، ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيىسى ئۇرۇش قىلىش بۆلۈمىنىڭ باشلىقى بولغان ھەمدە ب د ت كەشمىر تالاش - تارتىشنى كېلىشتۈرۈش كومىتېتىغا رىياسەتچىلىك قىلغان. <دېڭىز ئارمىيىسى قۇدرەتلىك دۆلەت: دېڭىز ئارمىيىسى تارىخى> دېگەن ئەسىرى بار.