Uyghur←Chinese主要词典
نىكوپول جېڭى
دۇنيا تارىخى
尼科堡战役
ní kē bǎo zhàn yì
1396-يىل 9-ئاينىڭ 28-كۈنى، سۇلتان باجازېت Ⅰ باشچىلىقىدىكى تۈركىيە قوشۇنى بىلەن ۋېنگرىيە پادىشاھى سىگىسمۇند باشچىلىقىدىكى ۋېنگرىيە، پولشا، ئەنگلاىيە، فرانسىيە ۋە گېرمانىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ رىتسارلىرىدىن تەركىب تاپقان ئەھلىسەلىپنىڭ نىكوپول (ھازىرقى بۇلغارىيىنىڭ شىمالىدا) دا بولغان جېڭى. جەڭ نەتىجىسىدە، ئەھلىسەلىپ مەغلۇپ بولۇپ، سىگىسمۇند ئۆز جېنىنىلا قۇتقۇزۇپ قالغان، تۈركلەر بالقان يېرىم ئارىلىدىكى زومىگەرلىك ئورنىنى مۇستەھكەملىۋالغان.