Uyghur主要词典
نىكا قوزغىلىڭى
دۇنيا تارىخى
ۋىزانتىيە ئىپېرىيىسىدىكى پۇقرالار قوزغىلىڭى. <نىكا!> (يۇنان تىلى بولۇپ، <غەلىبە> دېگەن مەنىدە) دېگەننى شوئار قىلغانلىقتىن، شۇندا دەپ ئاتالغان. پادىشاھ يۇستىنىئاننىڭ زورلۇق - زومبۇلۇق قىلىپ تۈرلۈك ئالۋان - ياساق ئېلىشى ۋە ئەمەلدارلارنىڭ خىيانەت قىلىپ، قانۇننى بۇزۇشى سەۋەبىدىن، مىلادى 532-يىلى 1-ئايدا پايتەخت كونستانتىنوپولدا قوزغىلاڭ پارتلىغان. قوزغىلاڭنىڭ ئاساسىي ئاممىسى كۆك پىرقە بىلەن يېشىل پىرقىنىڭ تۆۋەن قاتلام كىشلىرى بولۇپ، قۇل -سانائەتچىلەر، ئۇششاق سودىگەرلەر ۋە نامراتلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان. ئۇلاr مەھكىمىلەرگە ھۇجۇم قىلىپ، بايلارنىڭ سارايلىرىنى كۆيدۈرۈپ، پادىشاھ ئوردىسىنى قورشىۋالغان. يۇستىنىئان يول قويۇشقا مەجبۇر بولۇپ، بىرنەچچە نوپۇزلۇق مەنسەپدارنى خىزمەتتىن ئېلىپ تاشلىغان بولسىمۇ، لېكىن پۇقرالارنىڭ غەزەپ - نەپرىتىنى تىنچىتالمىغان. قوزغىلاڭچىلار ھىپاتوسنى پادىشاھ قىلىپ سايلىغان. يۇستىنىئان قېچىپ كەتمەكچى بولغان بولسىمۇ، خانىكە تېئودورا تەرىپىدىن توسۇپ قېلىنغان. قوزغىلاڭنىڭ سەككىزىنچى كۈنى قوزغىلاڭچىلار بەيگە مەيدانىغا يىغىلغاندا، يۇستىنىئان سەركەردە بېلىسەرونى گوت ياللانما قوشۇنى بىلەن مەيدانغا ئەۋەتىپ، قوزغىلاڭچى ئاممىنى قانلىق باستۇرۇپ، 30 مىڭ ئادەمنى قىرىپ تاشلىغان، ھىپاتىئۇسمۇ ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنغان. قوزغىلاڭ مەغلۇپ بولغان.