Uyghur←Chinese主要词典
نيۇتون
ئۇنىۋېرسال,ماشىنىسازلىق
牛顿
niú dùn
دۇنيا تارىخى
牛顿
niú dùn
(1642 - 1727) ئەنگلىيىلىك فىزىك، ماتېماتىك، يا ۋاقتىدا كېمبىرىچ ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇغان. 1669 - 1701-يىللىرى كېمبىرىچ ئۇنىۋېرسىتېتىدا پروفېسسور بولغان. گالىلېي قاتارلىق كىشىلەرنىڭ تەتقىقات نەتىجىلىرى ئاساسىدا يەنىمۇ ئىلگخرىلەپ تەتقىق قىلىپ، كلاسسىك مېخانىكا ئاساسىنى تۇرغۇزغان، <نيۇتون ھەرىكەت قانۇنى> نى ئىجاد قىلغان. كېيىن يەنە كېپلېر قاتارلىق كىشىلەرنىڭ خىزمەتلىرى ئاساسىدا پۈتۈن ئالەملىك تارتىشىش كۈچى قانۇنىيىتىنى تېپىپ چىققان. 1666-يىلى يەنە ئاق نۇرنىڭ ئەمەلىيەتتە ئوخشىمىغا نرەڭدىكى (يەنى ئوخشىمىغان دولقۇن ئۇزۇنلۇقى) نۇرلاردىن تەركىب تاپىدىغانلىقىنى ئېنىقلاپ چىققان. بۇ كەشپىيات سپېكترلىق تەھلىلنىڭ ئاساسى بولۇپ قالغان. تېرمولوگىيە جەھەتتە، سوۋۇتۇش قانۇنىيىتىنى بېكىتىپ چىققان. ئاسترونومىيە جەھەتتە، سوۋۇتۇش قانۇنىيىتىنى بېكىتىپ چىققان. ئاسترونومىيە جەھەتتە رېفلېكتورلۇق دۇربۇننى ياساپ چىقىپ، سەييارىلەر ھەرىكىتىنى دەسلەپكى قەدەمدە كۆزەتكەن. ماتېماتىكا جەھەتتە <فوكسىيە ئۇسۇلى> نى ئوتتۇرىغا قويۇپ، دىفاېرېنسىئال - ئىنتېگرالىنىڭ ئىجادچىلىرىدىن بىرى بولۇپ قالغان. پەلسەپە ئىدىيىسى جەھەتتە، تەبىئىي ماتېرىيالىزمچى بولۇپ، زامان ۋە ماكاننىڭ ئوبيېكتىپلىقىنى ئېتىراپ قىلغان، لېكىن يەنە مەلۇم سىرتقى <تۇنجى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ> نىڭ تۈرتكىسى ئارقىسىدا نەرسىلەر جىملىقتىن ھەرىكەتلىنىشكە باشلايدۇ، دەيدىغان خاتا كۆز قاراشنىمۇ ئوتتۇرىغا قويغان.