Uyghur←Chinese主要词典
نيۇرنبېرگ سوتى
قانۇنشۇناسلىق
纽伦堡法庭,纽伦堡审判
niǔ lún bǎo fǎ tíng ,niǔ lún bǎo shěn pàn
دۇنيا تارىخى
纽伦堡审判
niǔ lún bǎo shěn pàn
ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىكى فاشىست گېرمانىيىسىنىڭ باش ئۇرۇش جىنايەتچىلىرى ئۈستىدىن قىلىنغان خەلقئارا سوت. 1945-يىل 11-ئاينىڭ 20-كۈنىدىن 1946-يىل 10-ئاينىڭ 1-كۈنىگىچە گېرمانىيىنىڭ نيۇرنبېرگ شەھىرىدە ئېلىپ بېرىلغان. 1945-يىل 8-ئاينىڭ 8-كۈنىدىكى سوۋېت ئىتىتپاقى، ئامېرىكا، ئەنگلىيە ۋە فرانسىيىدىن ئىبارەت تۆت دۆلەت لوندوندا ئىمزالىغان ياۋروپا ئوق مەركىزىي دۆلەتلىرىنىڭ ئاساسلىق ئۇرۇش جىنايەتچىلىرى ئۈستىدىن شىكايەت قىلىش ۋە ئۇلارنى جازالاش توغرىسىدىكى كېلىشىمى ۋە ياۋروپا خەلقئارا ھەربىي سوت نىزمنامىسىەە ئاساسەن، يۇقىرىدىكى تۆت دۆلەتتىن تەركىب تاپقان سوت تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلغان. سوت گېرىڭ قاتارلىق 12 كىشىگە ئۆلۈم جازاسى، يەتتە كىشىگە قاماق قازاسى ھۆكۈم قىلغان ھەمدە ناتسىستلار پارتىيىسىنىڭ رەھبەرلىك ئورگىنى، ئېسئېسچىلار، مەخپىي ساقچى ( يەنى گېستاپو) قاتارلىقلارنى جىنايەتكار تەشكىلات دەپ جاكارلىغان؛ سوتنى ئامېرىكا، ئەنگلاىيە چاڭەىلىغا ئېلىۋالغانلىقتىن، گېرمانىيە ئىچكى كابىنېتى، قوماندانلىق شتابى ۋە دۆلەت مۇداپىئە ئارمىيىسى ئالىي قوماندالىق شتابى قاتارلىقلار جىنايەتكار تەشكىلات دەپ جاكارلانمىغان.