Chinese→Uyghur主要词典
尼日利亚殖民地休护国
دۇنيا تارىخى
نىگېرىيە مۇستەملىكە ھامىيلىق دۆلىتى
ئەنگلىيە ھۆكۈمرانلىقى مەزگىلىدىكى نېگېرىيىنىڭ نامى. 1861-يىلى ئەنگلىيە لاگوبىنى ئىشغال قىلىۋېلىپ، نېگېرىيىدە تۇنجى مۇستەملىكىسىنى قۇرۇپ چىققان. 1884-يىلى <نېفىت ئۆستىڭى ھامىيلىق دۆلىتى> (كېيىن نگېر دېڭىز قىرغىقى ھامىيلىق دۆلىتى دېگەنگە ئۆزگەرتىلگەن) نىڭ قۇرۇلغانلىقىنى جاكارلىغان. 1886-يىلى <خانلىق نىگېر شىركىتى> گە ئالاھىدە ھوقۇق بېرىپ، ئۇنىڭ جايلارنىڭ ئاقساقاللىرى بىلەن كېلىشىم تۈزۈشىگە، ھەربىي، سىياسىي ھوقۇققا ئىگە بولۇشىغا رۇخسەت قىلغان. شىركەت نىگېرىيىنىڭ جەنۇبتىكى اېدېراتسىيىلىرىنى پىلە قۇرتىدەك يەپ، 1887-يىلى ئوپوبو پادىشاھى جاجانى سۈرگۈن قىلغان، 1893-يىلى ئويو پادىشاھلىقى بىلەن ئابېئوكۇتانى زورلاپ ھامىي دۆلەتكە ئايلاندۇرغان؛ 1897-يىلى بېنىن پادىشاھلىقىنى ئىگىلىۋالغان. 1900-يىلى ئەنەلىيە ھۆكۈمىتى <خانلىق نىگېر شىركىتى> نىڭ ئالاھىدە ھوقۇقىنى قايتۇرۇۋېلىپ، ئۇنىڭ ئىلكىدىكى زېمىنىنى <نىگېر دېڭىز قىرغىقى ھامىيلىلىق دۆلىتى> گە قوشۇپ، <نىگېر دېڭىز قىرغىقى ھامىيلىلىق دۆلىتى> گە قوشۇپ، <نىگېرىيە ھامىيلىق دۆلىتى> نى قۇرۇپ چىققان. 1900 - 1906-يىللىرى ئەنگلىيە فۇلانى ۋە بورنونى بويسۇندۇرۇپ، <شىمالىي نىگېرىيە ھامىيلىق دۆلىتى> نى قۇرغان. 1914-يىلى ئەنگلىيە بالرىق قارام يەرلەرنى بىرلەشتۈرۈپ، <نىگېرىيە مۇستەملىكە ھامىيلىق دۆلىتى> نى قۇرۇپ چىققان ھەمدە بۇنى ئەنگلاىيە باش ۋالىيسى باشقۇرغان. 1916-يىلى ئەنگلىيە <يەرلىكلەر ھاكىمىيىتى قانۇنى> نى جاكارلاپ، ۋاسىتىلىك ھۆكۈمرانلىقنى يولغا قويۇپ، ئەنگلىيىلىك باش ۋالىي يەرلىك ھۆكۈمرانلارنى مۇستەملىكە دائىرىلىرىگە قاراشلىق ئەمەلدارلىققا تەيىنلىگەن. 1954-يىلى ئەنگلىيە نىگېرىيىنىڭ ئەنگلاىيە فېدېراتسىيىسى ئىچىدە ئىچكى ئاپتونومىيىسىنى يولغا قويۇپ، نامىنى نىگېرىيە فېدېراتىپ جۇمھۇرىيتى دەپ ئۆزگەرتىشكە قوشۇلغان.