Chinese→Uyghur主要词典
尼古拉一世
دۇنيا تارىخى
نىكولاي Ⅰ
(1) (1796 - 1855). روسىيە پادىشاھى (1825 - 1855). پاۋېل Ⅰ نىڭ ئوغلى. 1825-يىلنىڭ ئاخىرىدا، ئاكىسى ئالېكساندر Ⅰ تاسادىپىي ئۆلۈپ كېتىپ، ۋارىسى بولمىغانلىقتىن تەخت بوش قالغان. دېكابرىستلار قوزغىلىڭىنى باستۇرغاندىن كېيىن، پادىشاھ بولغان. ئىچكى جەھەتتە، ئۆزىگە بىۋاسىتە قاراشلىق ئىچكى مەھكىمە - <ئۈچىنچى ئىشخانا> (مەخپىي ساقچى ئورگىنىنى باشقۇرىدۇ) ۋە ژاندارما تەسىس قىلىپ، ھوقۇقنى پادىشاھقا مەركەزلەشتۈرۈشنى ۋە ساقچى - ژاندارما تېررورلۇق ھۆكۈمرانلىقىنى كۈچەيتكەن. كرىزىسى كۈنسايىن چوڭقۇرلىشىۋاتقان يانچىلىق تۈزۈمىنى قوغدىغان؛ سىرتقا قارىتا <ياۋروپا ژاندارمىسى> رولىنى ئۆتەپ، پولشا قوزغىلىڭى (1830 - 1831) ۋە ۋېنگرىيە ئىنقىلابى (1848 - 1849) نى باستۇرغان. قىرىم ئۇرۇشى (1853 - 1856) نى ئېلىپ بارغان، ھەممە ئۇرۇشتا مەغلۇپ بولۇپ، دۆلەت خەزىنىسىنى قۇرۇتۇپ، خەلقنىڭ غەزىپىنى قوزغاپ، كېسەل بىلەن ئۆلگەن. (2) نىكولاس Ⅰ (1841 - 1921) مونتېنېگرو كىنەزى (1860 - 1910)، پادىشاھى (1910 - 1918). 1861 - 1862-يىللىرى گېرىتسېگوۋىنانىڭ تۈركىيە ھۆكۈمرانلىقىغا قارشى قوزغىلىڭىغا يادەم بەرگەن. 60-يىللاردا بالقان ئىتتىپاقىنى قۇرۇپ، مىخائىلو Ⅲ كە ياردەم بېرىش ئۈچۈن تەختىنى بوشىتىپ بەرمەكچى بولغان. ئىتتىپاق پارچىلانغاندىن كېيىن، يۇگوسلاۋىيانلارنىڭ بىرلىك ھەىكىتىگە رەھبەرلىك قىلىپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن نونتېنېگرونى ئوسمان ئىمپېرىيىسىگە قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى (1862، 1876 - 1878) غا قاتناشتۇرماقچى بولغان. سىرتقى جەھەتتە روسىيىگە تايانغان،1868، 1908-يىللىرى روسىيىنى ئىككى قېتىم زىيارەت قىلىپ، روسىيە، ئاۋسترىيە، ۋېنگرىيە بىلەن ئىتالىيە ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەتتىن پايدىلانغان. مەملىكەت ئىچىدە مۇستەبىت تۈزۈمىنى كۈچەيتىپ، 1905-يىلى ئاساسىي قانۇن تۈزۈپ، ھوقۇق چەكلىك بولغان پارلامېنت چاقىرىشقا مەجبۇر بولغان. 1908 - 1909-يىللىرى ئۆكتىچىلەر پارتىيىسىنىڭ پائالىيىتىنى رەھىمسىزلىك بىلەن باستۇرغان. بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشى پارتلىغاندىن كېيىن، ئاۋسترىيە، ۋېنگرىيە ئارمىيىسى مۇنتېنېگرونى ئىشغلا قىلىۋالغان، 1916-يىلى بىرلىككە كەلگەن يۇگوسلاۋىيە دۆلىتى قۇرۇشقا توسقۇنلۇق قىلغانلىقتىن، پارلامېنت تەرىپىدىن بىكار قىلىنغان.