Chinese→Uyghur主要词典
涅捷斯
دۇنيا تارىخى
نىجىس
قەدىمكى مىسىر تىلىدا <تېگى پەس> ئاۋۋال قەدىمكى پادىشاھلىق دەۋرىدە كۆرۈلگەن، ئوتتۇرا سۇلالە دەۋرىدىكى 12-سۇلالىنىڭ دەسلەپكى ۋاقىتلىرىدىكى تارىخىي ماتېرىياللاردىمۇ ئۇچراپ تۇرىدۇ. ئومۇمەن ئاددىي خەلق قاتلىمى دەپ قارىلىدۇ. ئوتتۇرا پادىشاھلىق دەۋرىدىن كېيىن تەدرىجىي پارچىلىنىپ، بىر قىسمى ئەسكەرلەر قاتارىغا كىرىپ، ھەر دەرىجىلىك ئەمەلدار ۋە راھىب بولغان، ئۇلار يەر، چارۋا مال ۋە قۇل ئىگىلىگەن، شۇڭا <تەسىرى بار نىجىسلار> دەپ ئاتالغان؛ زور كۆپ قىسمى يەنىلا دېھقانچىلىق بىلەن تىرىكچىلىك قىلغان، بەزىلىرى ھەتتا يوقسۇللارغا ئايلانغان.