Chinese→Uyghur主要词典
涅尔瓦
دۇنيا تارىخى
نېرۋا
( 30 - 98). قەدىمكى رىم پادىشاھى (96 - 98). ئىتالىيىدىكى ئومبىرىيىنىڭ نارنىيە دېگەن يېرىدە تۇغۇلغان. مىلادىن 71 - ۋە 90-يىلى ئىككى قېتىم ئارخون بولغان. دومىتىئانو ئۆلتۈرۈلگەن (96) دىن كېيىن، سىنات ۋە ئەسكەرلەر تەرىپىدىن پادىشاھ دەپ ئېلان قىلىنغان. مۆتىۋەرلەرگە كەڭ قوللۇق قىلىش سىياسىتىنى يولغا قويغان ھەمدە ئەمدى مۆتىۋەرلەرنى ئۆلتۈرمەسلىككە قەسەم بەرگەن؛ بىر تۈركۈم ئۆلكە ئاقسۆڭەكلىرى ۋە ھەربىيلەر ئۇنىڭغا ئىشەنمەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. 97-يىلى، ھەربىي ھوقۇقنى ئىگىلەپ تۇرغان تراجاننى ئوغۇل قىلىپ بېقىۋالغان ۋە ئىزباسار قىلىۋالغان ھەمدە ئىش يۈزىدە ھۆكۈمرانلىق ھوقۇقىنى ئۇنىڭغا ھاۋالە قىلغان، ياندۇرقى يىلى ئۆلگەن. ئۇنىڭ بىلەن دەۋرداش تارىخشۇناس تاستو نېرۋانى مۆتىدىل پادىشاھ دېگەن.