Chinese→Uyghur主要词典
尼德兰产阶级革命
دۇنيا تارىخى
نېدېرلاندىيە بۇرژۇئا ئىنقىلابى
دۇنيا تارىخىندا تۇنجى قېتىم غەلىبە قىلغان بۇرژۇئا ئىنقىلابى (1566 - 1609). ⅥⅩ ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا نېدېرلاندىيىنىڭ يېزا - شەھەرلىرىدە كاپىتالىزم خېلى تەرەققىي قىلغان بولسىمۇ، لېكىن مېتىروپول ئىسپانىيىنىڭ مۇستەبىتلىكىگە ۋە ئۇنىڭ تۈۋرۈكى بولغان كاتولىك چېركاۋلىرىنىڭ ئېغىر توسقۇنلۇقىغا ئۇچراپ، سىنىپىي ۋە مىللىي زىددىيەت بارغانسېرى كەسكىنلىشىپ كەتكەن. 1566-يىلى تىغ ئۇچى بىۋاسىتە كاتولىك چېركاۋلىرىغا قارىتىلغان <مۇقەددەس سۈرەت - ھەيكەللەرنى بۇزۇش ھەرىكىتى> پارتلىغان. بۇنىڭغا ناھايىتى كۆپ تەىقە قاتناشقان. كېيىن بۇرژۇئازىيە ۋە ئاقسۆڭەكلەر ئىتىتپاقىنىڭ تەۋرىنىشى ۋە تەسلىم بولۇشى ئارقىسىدا، 1567-يىلى ئەتىيازدا ھەرىكەت باستۇرۇلغان. باش ۋالىي ئالبا نېدېرلاندىيىدە تېررورلۇق ھۆكۈمرانلىقىنى يۈرگۈزەەن. نېدېرلاندىيە خەلقى <دېڭىز قەلەندەرلىرى> ۋە <ئورمان قەلەندەرلىرى> نى ئۇيۇشتۇرۇپ، ئارقا - ئارقىدىن ھۇجۇمغا ئۆتكەن. 1572-يىلى شىمالدىكى ئۆلكىلەردە كەڭ كۆلەملىك قوزغىلاڭ پارتلىغان. 8-ئايدا ۋىليام (ئورانجى) شىمالدىكى ئۆلكىلەرنىڭ ھۆكۈمرانلىقىغا سايلانغان. جەنۇبنىڭ ئىنقىلابىي ۋەزىيىتىمۇ بارغانسېرى يۇقىرى دولقۇنغا كۆتۈرۈلگەن. 1576-يىل 9-ئاينىڭ 4-كۈنى بىر يۇسسېلدا قوزغىلاڭ كۆتۈرۈلۈپ، ئىسپانىيىنىڭ نېدېرلاندىيىدىكى ھۆكۈمرانلىق ئورگىنىنى ئاغدۇرۇپ تاشلىغان. 1576-يىل 11-ئاينىڭ 8-كۈنى، جەنۇب ۋە شىمالدىكى ئۆلكىلەرنىڭ ۋكىللىرى <گېنت كېلىشىمى> نى تۈزۈپ، جەنۇب بىلەن شىمالنىڭ بىرلىكىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ، ئىسپانىيە ھۆكۈمرانلىقىغا بىللە قارشى تۇرغان. ئىنقىلابنىڭ ئۈزلۈكسىز چوكۇرلىشىشىدىن قورقۇپ كەتكەن غەربىي جەنۇبتىكى بىر نەچچە ئۆلكىنىڭ ئاقسۆڭەكلىرى 1579-يىل 1-ئاينىڭ 6-كۈنى ئارراس ئىتىتپاقىنى تۈزۈپ، ئىسپانىيە دائىلىرى بىلەن مۇرەسسە قىلغان. شىمالدىكى ئۆلكىلەر ۋە جەنۇبتىكى قىسمەن شەھەرلەر غەربىي جەنۇبتىكى ئۆلكىلەردىكى ئاقسۆەڭكلەرنىڭ يۈز ئۆرۈشىگە قارشى تۇرۇش ئۈچۈن، شۇ يىلى 1-ئاينىڭ 23-كۈنى ئوترېخىت ئىتتىپاقىنى تەشكىل قىلىپ، ئۆلكىلەر بىرلەشمە جۇمھۇرىيىتىنىڭ قۇرۇلۇشى ئۈچۈن ئاساس سالغنا. 1581-يىلى شىمالدىكى ئۆلكىلەرنىڭ ۋەكىللىرىدىن تەركىب تاپقان ئۈچ دەرىجىلىك يىغىن ئىسپانىيە كورۇلى فلپ Ⅱ نى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، ئۆلكىلەر بىرلەشمە جۇمھۇرىيىتىنىڭ رەسمىي قۇرۇلغانلىقىنى جاكارلىغان. گوللاندىيە ئۆلكىسى بىرلەشمە ئۆلكىلەر ئىچىدە ئىقتىسادىي ۋە سىياسىي ئورنى ئەڭ مۇھىم بولغانلىقتىن، جۇمھۇرىيەت گوللاندىيە جۇمھۇرىيىتى، قىسقارتىلىپ گوللاندىيە دەپمۇ ئاتالغان. 1609-يىلى، ئىسپانىيە گوللاندىيە بىلەن <12 يىللىق ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى> ئىمزالاپ ئەمەلىيەتتە، گوللاندىيىنىڭ مۇستەقىللىكىنى ئېتىراپ قىلىشقا مەجبۇر بولغان.