Chinese→Uyghur主要词典
粘多糖
ئۇنىۋېرسال
zhān duō táng
مۇكوپولىسارخارىد
بىئولوگىيە
يېپىشقاق پولى ساخارىدلار
تەركىبىدە ئازوت بولغان پولى ساخارىد، يەنى ئامىنو قەنتى بىلەن مۇنۇ ساخارىدنىڭ ياكى ئورونىك كىسلاتالىرىنىڭ كوندېنساتسىيىلىنىشىدىن ھاسىل بولغان ئارىلاشما بولۇپ، ئۇلاردىن گىئالىن كىسلاتاسى، خوندرويتىن سۇلفات، گېپارىن بار، ئۇلارنىڭ تەركىبىدە سۇلفات كىسلاتا گۇرۇپپىسى بولىدۇ. ئۇلار دائىم ئاقسىللار بىلەن بىرىكىپ مۇكوپروتېئىننى ھاسىل قىلىدۇ. كۆپىنچىسى كۆمۈرچەك، پەي قاتارلىق بىرىكتۈرگۈچى توقۇلمىلاردا بولۇپ، توقۇلما ئارىلىق ماددىسىنى تەشكىل قىلىدۇ. ھەر خىل بەز، ھەزىم قىلىش يوللىرىدىن ئاجرىتىلغان شىلىمشىق سۇيۇقلۇقلارنىڭ تەركىبىدە يېپىشقاق پولى ساخارىدلار مول بولۇپ، ئۇلار توقۇلمىلارنىڭ ئۆسۈشى ۋە رېگېنراتسىيىسىدە، ئۇرۇقلىنىش جەريانىدا ھەمدە ئورگانىزمدىكى نۇرغۇنلىغان يۇقۇملاندۇرغۇچىلار (باكتېرىيە، ۋىرۇس) نىڭ ئۆز ئارا تەسىر قىلىشى، پەرقلەندۈرۈشى جەريانلىرىدا ئىنتايىن مۇھىم رول ئوينايدۇ. گىئالىن كىسلاتاسىنىڭ ئاساسلىق فۇنكىسىيىسى سۇ سۈمۈرۈش بولۇپ، توقۇلمىلارغا نىسبەتەن قوغداش ۋە ھۈجەيرىلەرنى يېپىشتۇرۇش رولى بولىدۇ. ئۇنىڭ تەركىبىي قىسمى بولغان گلۇكۇزونىك كىسلاتاسى جىگەردىكى مۇھىم زەھەرسىزلەندۈرگۈچى ماددا. گېپارىننىڭ قاننى ئۇيۇپ قېلىشتىن توسۇش رولى بار.