Chinese→Uyghur主要词典
年代学
ئۇنىۋېرسال
nián dài xué
خرونولوگىيەDتارىخ
nián dài xué
سالشۇناسلىقDگىئولوگىيە
nián dài xué
خرونولوگىيە
دۇنيا تارىخى
دەۋرشۇناسلىق
تارىخىي دەۋرلەرنى تەتقىق قىلىشنىڭ قائىدە ۋە ئۇسۇللىرى توغرىسىدىكى تەلىمات. تارىخشۇناسلىقنىڭ ياردەمچى پەنلىرىنىڭ بىرى. ئاساسىي ۋەزىپىسى: ئىلمىي ئۇسۇل قوللىنىپ تارىخىي ۋەقە، تارىخىي تۈزۈم، تارىخىي شەخس، تارىخىي ھۆججەت قاتارلىقلارنىڭ يىل ۋە ۋاقىت تەرتىپىنى بېكىتىپ، ئۇلارنىڭ ۋاقىت جەھەتتىكى باغلىنىشىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈشتىن ئىبارەت. دەۋرنى بېكىتىشنىڭ ئۇسۇلى ئاسترونومىيە، قەدىمدىن ھازىرغىچە بولغان كالېندارلاردىكى خاتىرىلەر ۋە سانلارنى؛ تارىخىي خاتىرىلەردىكى مەلۇماتلارنى؛ .ئارخېئولوگىيە، جۇغراپىيە، پولوئانتولوگىيە، تارىخ جۇغراپىيىسى قاتارلىقلاردىكى مۆلچەرلەرنى؛ ئەڭ يېڭى تەبىئىي پەننىڭ يېڭى مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى، ئالايلۇق، دائىم كۆرۈلۈپ تۇرىدىغان كاربون ئارقىلىق دەۋرگە بۆلۈش ئۇسۇلى، تۇپراق ئانالىزى ئۇسۇلى قاتارلىقلارنى ئاساس قىلپ بېكىتىشتىن ئىبارەت. تارىخىي دەۋرلەرنى كونكرېت بېكىتكەندە، دائىم يۇقىرىدىكى ئۇسۇللارنى ئومۇملاشتۇرۇپ قوللىنىشقا توغرا كېلىدۇ.