Uyghur←Chinese主要词典
نېي
دۇنيا يەر - جاي ناملىرى
内伊〈美〉
nèi yī 〈měi 〉
دۇنيا تارىخى
内伊
nèi yī
(1769 - 1815) فرانسىيە مارشالى. تۈنىكىچى ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. 1788-يىلى ئاتلىق ئەسكەرلەر پولكىغا كىرگەن. فرانسىيە ئىنقىلابىنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدىكى چوڭ ئۇرۇشلارنىڭ كۆپىنچىسىگە قاتناشقان. 9617-يىلى برىگادىر بولغان. 1804-يىلى مارشال ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن. ئۈچىنچى قېتىملىق فرانسىيىگە قارشى ئىتتىپاققا زەربە بېرىش ئۇرۇشىدا يېنا، ئېيلاۋ، فرىدېلان جەڭلىرىگە قاتنىشىپ، باتۇرلۇق بىلەن داڭق چىقارغان. 1808-يىلى ئېرھىنگېن كىنەزى بولغان. 1808 - 1811-يىللىرى ئىسپانىيىگە ئەۋەتىلگەن. 1218-يىلىدىكى روسىيىگە قارشى ئۇرۇشتا موسكۋا شاھزادىسى دەپ بېكىتىلىپ، ناپولېئون تەرىپىدىن <باتۇرلارنىڭ باتۇرى> دېگەن شەرەپكە ئىگە بولغان. 1814-يىلى 4-ئايدا فونتېنبلودا ئۇرۇش قىلىشتىن باش تارتىپ، ناپولېئوننىڭ تەختتىن چۈشۈشىنى ئىلگىرى سۈرگەن. بوربون سۇلالىسى تۇنجى قېتىم تىرىلگەندىن كېيىن، ھەربىي دەرىجىسى ۋە ئۇنۋانى يەنىلا ساقلاپ قېلىنغان. 100 كۈنلۈك سۇلالە مەزگخلىدە يەنە لەشكەر باشلاپ چىقىپ ناپولېئونغا ئىتائەت قىلغان. 1815-يىلى ۋاتېرلوئو ئۇرۇشىدا سول قانات قوشۇنغا قوماندانلىق قىلىپ، ئەنگلاىيە قوشۇنىغا قارشى تۇرغان. بوربون سۇلالىسى ئىككىنچى قېتىم تىرىلگەندىن كېيىن، قېچىپ كېتىۋاتقاندا يول ئۈستىدە تۇتۇۋېلىنىپ ئۆلتۈرۈۋېتىلگەن. ئەسلىمىلىرى بار.