Uyghur主要词典
نىگتىنگالې
دۇنيا تارىخى
(1820 - 1910) ئەنگلاىيىلىك ئايال سېسترا. يېقىنقى زامان كۈتۈش ئىلمى ۋە سېسترالىق تەربىيىسىنىڭ ئاساسچىلىرىدىن بىرى. ئىتالىيىدە تۇغۇلۇپ، ئەنگلاىيىنىڭ لوندون شەھىرىدە ئالەمدىن ئۆتكەن. 1850 - 1851-يىلىرى گېرمانىيىگە بېرىپ سېسترالىق تەربىيىسى ئالغان، كېيىن يەنە فرانسىيىگە بېرىپ ئۆگەنگەن. 1853-يىلى ئەنگلاىيىگە قايتىپ ئاياللار دوختۇرخانىسىنىڭ خىزمىتىگە رىياسەتچىلىك قىلغان. 1854 - 1856-يىللىرىدىكى قىرىم ئۇرۇشىدا سېسترالارنى باشلاپ ئالدىنقى سەپكە بېرىپ يارىدار ۋە ئاغرىقلارنى قۇتۇلدۇرۇغان ھەم ئۇلارنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالغان. شۇنىڭدەك ئۇرۇش مەيدانىدا قۇتقۇزۇش دوختۇرخانىسىنىڭ بىر قاتار باشقۇرۇش تۈزۈمى ۋە يارىدارلارنى قۇتۇلدۇرۇش ئۇسۇللىرىنى تۈزگەن، شۇنىڭ بىلەن، يارىدارلارنىڭ ئۆلۈش نىسبىتىنى زور دەرىجىدە ئازايتقان. 1860-يىلى ئالغان مۇكاپات سوممىسىنى ئەنگلىيىدە نىگىتىنگالې ئائىلىسىنى قۇرۇپ چىققان، بۇ، ئەنگلىيىدىكى تۇنجى سېسترالار مەكتىپى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. كېيىنكى ئوتتۇز يىل ئىچىدە بىر تۈركۈم سېسترالار مەكتىپىنى قۇرۇشقا ياردەملەشكەن. شۇنىڭدەك غەربىي ياۋروپادىكى دۆلەتلەرنىڭ سېسترالىق تەربىيىسىنى ئىلگىرى سۈرگۈن، دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى كۈتۈش خىزمىتى ۋە سېسترالىق تەربىيىسىگە چوڭقۇر تەسىر كۆرسەتكەن. نىگىتىنگالې ھازىرقى زامان سېسترالىق خىزمىتىنىڭ پېشىۋاسى دەپ تەرىپلەنگەن. ئۇنىڭ <دوختۇرخانا خاتىرىلىرى> ۋە <سېسترالىق خاتىرىسى> ناملىق كىتابلىرى بار.