Uyghur←Chinese主要词典
نېگىر قۇللارنى ئازاد قىلىش خىتابنامىسى
دۇنيا تارىخى
解放黑奴宣言
jiě fàng hēi nú xuān yán
ئامېرىكىنىڭ جەنۇب ىلەن شىمال ئۇرۇشى مەزگىلىدە، لىنكولن زۇڭتۇڭ 1862-يىل 9-ئاينىڭ 22-كۈنى ئېلان قىلغان خىتابنامە. بۇ خىتابنامىدە توپىلاڭ كۆتۈرگەن شتاتلاr ۋە رايونلار، ئەگەر 1863-يىلى 1-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن بۇرۇن توپىلاڭنى توختاتمىسا ئۇلاردىكى بارلىق قۇللارغا ئەركىنلىك بېرىلىدىغانلىقى ھەمدە ئۇنىڭ كاپالەتكە ئىگە بولىدىغانلىقى، ئارمىيىگە قاتنىشىشقا بولىدىغانلىقى ئېلان قىلىنغان، ئەمما قۇللۇق تۈزۈمنىڭ بىكارق ىلىنىدىغانلىقى، ئازاد قىلىنغان نېگىرلارغا يەر تەقسىم قىلىپ بېرىلىدىغانلىقى جاكارلانمىغان؛ توپىلاڭغا قاتناشمىغان قۇللۇق شتاتلارغا يەنىلا پارلامېنتنىڭ 1862-يىلى 4-ئايدىكى قارارى بويىچە، قۇللارنى ئىختىيارىي، تەدىرىجىي ھالدا ھەقلىق ئازاد قىلىش تەدبىرى قولىنىدىغانلىقى؛ قاچقان قۇللاردا، ئەسلى ئىگخسىنىڭ توپىلاڭچى تەرەپ ئىكەنلىكى ياكى ئەمەسلىكىگە قاراپ ئۆتكۈزۈپ بېرىش - بەرمەسلىك بەلەىلىنىدىغانلىقى جاكارلانغان. خىتابنامە مەملىكەت ئىچى - سىرتىدا كەڭ قوللاش ۋە مەدھىيىلەشكە ئېرىشكەن ھەمدە ئىچكى ئۇرۇشنىڭ شىمال قوشما شتاتلار ھۆكۈمىتىگە پايدىلىق تەرەپكە تەرەققىي قىلىشنى ئىلگىرى سۈرگەن. خىتابنامە ئەينى ۋاقىتتا ھەربىي تەدبىر سۈپىتىدە ئېلان قىلىغان. 1865-يىلىغا بارغاندا ئاساسىي قانۇننىڭ 13-ماددىسىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش لايىھىسى ماقۇللىنىپ، قۇللۇق تۈزۈمنىڭ بىكار قىلىنغانلىقى رەسمىي جاكارلانغان.