Uyghur主要词典
نېگىر مۇسۇلمانلار ھەرىكىتى
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
ئامېرىكىدىكى نېگىر مۇسۇلمانلارنىڭ مىللەتچىلىك ھەرىكىتى كۆزدە تۇتۇلىدۇ. ئامېرىكىدىكى نېگىر مۇسۇلمانلار ⅩⅩ ئەسىرنىڭ 40 - يىللىرىدىن باشلاپ، ئىسلام دىنىنى بايرا قىلىپ، مىللىي ئاپتونومىيە ۋە مۇستەقىللىقنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن كۈرەش قىلدى. ئامېرىكىدىكى مۇسۇلمان نېگىرلار بۇ ھەرىكەتنى قوزغىغان ئېلىجاھ مۇھەممەد (1897 - 1975) نى ئاللانىڭ ئەلچىسى، ئاللا ئەۋەتكەن، ئۇ نېگىر مىللىتىنى ئويغىتىپ، ئاق تەنلىكلەرنىڭ ھۆكۈمرانلىقىغا خاتىمە بېرىدۇ، دەپ ئىشەندى. تەشىلاتنى <ئىسلام مىللىتى> دەپ ئاتىدى. نېگىرلارنىڭ ئاپتونومىيىسى، نېگىرلارنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە نېگىرلارنىڭ بىرلىشىشى ئارقىلىق ئاق تەنلىكلەر دۇنياسىغا قارشى تۇرۇپ، ئامېرىكىدىكى نېگىرلار توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان مەلۇم رايوندا نېگىرلار دۆلىتى قۇرۇشنى پىلانلىدى. بەزىدە چېكىدىن ئاشقان ھەرىكەتلەرنى قوللىنىپ، ھەممە ئاق تەنلىكلەرگە قارشى تۇردى. نېگىرلار ئارىسىدىكى ئوتتۇرا ۋە تۆۋەن قاتلام ئەمگەكچىلىرى ۋە ياشلار - ئۆسمۈرلەر ھەرىكەتنىڭ ئاممىۋى ئاساسى بولدى. يادرو كۈچ - <ئىسلام پەرزەنتلىرى> ناملىق مەخپىي ھەربىي تەشكىلات قۇردى. بۇ تەشكىلات ھەم ھۆكۈمەتنىڭ ساقچىلىرىغا قارشى تۇردى، ھەم ئۆزىنىڭ ئەزالىرىنى تىزگىنلىدى ھەمدە <بىدئەت> لەرنى جازالىدى. ماسسا چۇسېتس، كالىفورنىيە، فلورىدا قاتارلىق 29 شتاتتا شۆبە تەشكىلاتلىرىنى قۇردى. باش ئورگىنى چىكاكودا. 60 - يىللاردا ئادىمى 100 مىڭغا يەتتى. ھەممە يەردە مەسچىت ۋە تەرغىبات ئورۇنلىرىنى سالدى. 60 - يىللارنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا ئىچكى جەھەتتە پارچىلىنىش بولۇپ، ماركوم ئېكس باشچىلىقىدىكى بىر تەرەپ ئامېرىكىدىكى ھەممە مۇسۇلمانلار بىلەن بىرلىشىپ، نىشاننى ئورتاق ئەمەلگە ئاشۇرۇشنى تەشەببۇس قىلدى. ئېلىجاھ مۇھەممەد ۋاپات بولغاندىن كېيىن، ئۇنىڭ ئوغلى ۋاللاسې مۇھەممەد رەھبەرلىك ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئېلىپ، تەشكىلات نامىنى <بىلالىئان مۇسۇلمانلىرى> غا ئۆزگەرتىپ، مىللىي بۆلۈنۈش ھەرىكىتىنى تىلغا ئالماي، مەدەنىيەت ئاپتونومىيىسىگە يۈزلەندى ھەمدە سىرتقى ئىسلام دۇنياسى بىلەن مۇناسىۋەت ئورنىتىپ، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى ياخشىلاشقا يۈزلەندۈردى. ھۆكۈمەت تەرىپىدىن قانۇنلۇق دىنىي تەشكىلات دپ ئېتىراپ قىلىندى. <مۇھەممەد ۋەسىيەتلىرى>، <بىلالئان خەۋەرلىرى> نى نەشر قىلىپ، مەملىكەتكە تارقاتتى. يەنە بىر قىسىم ئەزالىرى ئۆزىنى <ئىسلام مىللىتى> دەپ ئاتاپ، ئېلىجاھنىڭ مىللىي بۆلگۈنچىلىك يولىدا چىڭ تۇردى.