Uyghur主要词典
نېفو مەدەنىيىتى
دۇنيا تارىخى
ياپونىيە تاش قوراللار دەۋرىنىڭ دەسلەپكى مەزگىلدىكى مەدەنىيەت بولۇپ، تەخمىنەن مىلادىدىن ئىلگىرىكى Ⅱ ئەسىردىن Ⅲ ئەسىرگىچ بولغان مەزگىللەرگە توغرا كېلىدۇ. يەنى <تاسما نەقىشلىك مەدەنىيەت> نىڭ داۋامى ۋە تەرەققىياتى ئەمەس. ئەڭ دەسلەپ توكيونىڭ نېفو مەھەللىسىدىن تېپىلغاچقا شۇنداق دەپ ئاتالغان. خارابىلىقنىڭ تارقىلىشىدىن قارىغاندا غەربتىكى توققۇز ۋىلايەتنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا مەركەز قىلىنىپ، بارا - بارا شەرققە سوزۇلۇپ كەتكەن. ساپال قاچىلارنىڭ كۆپىنچىسى توق قىزىل ياكى سېرىق رەڭدە بولۇپ، شەكلى ئوخشاش، نېپىز ھەم قاتتىق بولۇپ، <نېفوچە ساپال قاچىلار> دەپ ئاتالغان. شال تېرىشتىن ئىبارەت يېز ئىگىلىكى باسقۇچىغا كىرگەن، توقۇلما بۇيۇملىرى خېلى كەڭ تارقالغان، توقۇغان بۇيۇملىرى كەندىر رەختتىن ئىبارەت ئىشلەپچىقىرىش قوراللىرى تاش پىچقاق، تاش گۈرجەك، تاش ئورغاق، ياغاچ ئوتىغۇچ، برونزا گۈرجەك، تۆمۈر گۈرجەك قاتارلىقلاردىن ئىبارەت. جۇڭگو خەن سۇلالىسى دەۋرىدىكى برۇنزا كۆرگۈ ۋە ۋاڭ ماڭ دەۋرىدىكى پۇلنىڭ تېپىلغانلىقى قەدىمكى جۇڭگو بىلەن زىچ ئالاقىسى بارلىقىنى ئىسپاتلىغان.