Uyghur主要词典
نەزەر سالماق
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
قارىماق:
كۆڭۈل بەرمەك:
1. لۇتف ئېتىپ مىسكىن رىزائى ھالىغە رەھم ئەيلەگىل،
بىر نەزەر سالساڭ ماڭا ھېچ يوقتۇر ئارمانىم مېنىڭ.
رىزائى.
2. كۆزلىمەي ھۆسنۈڭ زۇھۇرىن بارچە ئەشيا ئىچرەكىم،
غەيرىڭگە سالغان نەزەر قىلغىل نىگاھىمنى كەرەم.
ئەرشى.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
كۆز نۇرىنى ئادەم ياكى نەرسىگە ئۇچراشتۇرماق.
«كۆز سالماق»، «نەزەر سالماق» يېزىق تىلىدا كۆپرەك ئىشلىتىلىدۇ.
«كۆز تىكمەك» دىققەت قىلىپ، ئۇزاق قارىماق.
كۆزۈڭگە قاراپ ماڭ. پۇلۇڭنىڭ كەتكىنىگە قارىما، ئىشىڭنىڭ پۇتكىنىگە قارا. ئاغزىڭغا بېقىپ سۆزلە. «زامان ساڭا باقمىسا، سەن زامانغا باق. بېلى ئاغرىمىغاننىڭ نان يېيىشىگە باق. ئالغا ئاتلا، ئاۋايلا، كەينىڭگىمۇ باق، قارا. كەلگۈسىگە كۆز سال. ئۆتمۈشكە نەزەر سالسام، جىق - جىق ئىشلاردىن پۇشايمان قىلىمەن. ئۇ كېتىۋېتىپ، قىزغا كۆز تىكتى.