Uyghur主要词典
نەزەر
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
كۆرۈش، قاراش:
پىكىر، خىيال:
ئېتىبار، مەرھەمەت، ئىلتىپات:
ئۇزارى ئۆزرە نىقابىن نەزارە ئەيلەمەدىم،
نەزەردە پەردەئى غەيرىڭنى پارە ئەيلەدىم،.
ئەرشى.
2. بەسىردۇر، كۆرەگە ئاڭا يوق ھىجاب،
ئەدەمدۇر نەزەرىدە مىڭ نۇر تاب.
ئا. نىزارى.
3. دەرگەھىغە بارىپ يۈزۈڭنى سۈر،
نەزەرىن تاپ بەقادا ئىززەت كۆر.
زىيائى.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ئەرەبچە
قاراش، كۆرۈش.
نە بولغاي نەزەر سالساڭ، ماڭا رەھمىڭنى كەم قىلماي، بېسىپ تاشقا بۇ باغرىمنى يولۇڭدا ئىنتىزار بولدۇم.
بىرەر ۋەقە، ھادىسە ياكى ئىش - ھەرىكەتتىن ھاسىل قىلغان سوبيېكتىپ چۈشەنچە، تونۇش، بىلىش.
نەزەر دائىرىسى كەڭ ئادەم.
ئەرلەرنىڭ ئىسمى.