Uyghur主要词典
نەسىل
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
نەسەب، ئەۋلات، ئۇرۇق؛ قەبىلە، سۇلالە؛ تومۇر، تۈپ.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
بىر ئاتا - بوۋىدىن تارقالغان.
ياخشى ئىستىلنى ئەۋلادتىن ئەۋلاتقا قالدۇرۇش كېرەك. ئەقىللىق بالا ئۆستۈرسەڭ، ئەۋلادىڭ ئابروي تاپار. جەمەت جەمەتكە تارتىدۇ. نەسلىنى قۇرۇتماق. ئۇرۇق مىللەتنىڭ دەسلەپكى شەكلى. ئەر تۇخۇمىنى يوقاتماس. يەتمىش پۇشتىنى كۆزىگە كۆرسەتمەك.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ئەرەبچە
بىر ئەۋلاد، بىر ئەجدادقا مەنسۇپ بولغان كىشىلەر ئۇرۇقى ۋە ئۇلارنىڭ كېلىپ چىقىشى، زاتى، نەسەبى، تېگى - تەكتى.
نەسلىنى سۈرۈشتۈرمەك. نەسىلدىن نەسىلگە ئۆتمەك.
كېيىنكى ئەۋلاد.
نىشان ئەيلەپ كېلەچەكنى نەسىللەر بەختىنى كۆزلەپ، يېمىش تىككەن گۈزەل باغقا، تۆكۈپ ساپ قان بىلەن تەرنى.
<زوئول> مەلۇم بەلگە، خۇسۇسىيەتلەرگە ئىگە، بىر تۈرگە مەنسۇپ ھايۋانلار گۇرۇپپىسى، ئۇرۇقى؛ سورتى.
ئۇ بىرقانچە يىللار مابەينىدە يۈرەك قېنىنى سەرپ قىلىپ، <دون>، <ئورلۇف> نەسىللىرىنى ئۆزگەرتىپ، ئىلى ئېتىنىڭ يېڭى نەسلى <تىيانشان ئېتى> نى يېتىشتۈرگەچە ھەقىقەتەنمۇ ئاز جان ئۇپراتمىدى.