Uyghur主要词典
نەشرىياتچىلىق باشقۇرۇش نىزامى
قانۇنلار
جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى گوۋۇيۈەننىڭ پەرمانى
343 - نومۇرلۇق
<نەشرىياتچىلىق باشقۇرۇش نىزامى> 2001 - يىلى 12 - ئاينىڭ 12 - كۈنى گوۋۇيۈەننىڭ 50 - قېتىملىق دائىمىي كېڭىشىدە ماقۇللىنىپ ئېلان قىلىندى، 2002 - يىلى 2 - ئاينىڭ 1 - كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ.
زۇڭلى جۇرۇڭجى
2001 - يىلى 12 - ئاينىڭ 25 - كۈنى
بىرىنچى باب ئومۇمىي پرىنسىپ
1 - ماددا بۇ نىزام نەشرىياتچىلىق باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك نەشرىياتچىلىق ئىشلىرىنى راۋاجلاندۇرۇش ۋە گۈللەندۈرۈش، پۇقرالارنىڭ نەشر قىلىش ھوقۇقىنى قانۇن بويىچە يۈرگۈزۈشتە كاپالەتلىك قىلىش، سوتسىيالىستىك مەنىۋى مەدەنىيلىك ۋە ماددىي مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش مەقسىتىدە، ئاساسىي قانۇنغا بىنائەن تۈزۈپ چىقىلدى.
2 - ماددا بۇ نىزام جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى تەۋەسىدە نەشرىياتچىلىققا تەتبىقلىنىدۇ.
بۇ نىزامدا ئېيتىلغان نەشرىياتچىلىق نەشر بۇيۇملىرىنى نەشر قىلىش، بېسىش ياكى كۆپەيتىش، ئىمپورت قىلىش، تارقىتىشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇ نىزامدا ئېيتىلغان نەشر بۇيۇمى گېزىت، ژۇرنال، كىتاب، ئۈن - سىن بۇيۇمى، ئېلىكترون نەشر بۇيۇمى قاتارلىقلارنى كۆرسىتىدۇ.
3 - ماددا نەشرىياتچىلىق ئىشلىرىدا خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىش، سوتسىيالىزىم ئۈچۈن خىزمەت قىلىش يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇش، ماركسىزم - لېنىنىزم، ماۋزېدۇڭ ئىدىيىسى ۋە دېڭ شياۋپىڭ نەزەرىيىسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇش، مىللەتلەرنىڭ ساپاسىنى ئۆستۈرۈشكە پايدىلىق، ئىقتىسادىي تەرەققىيات ۋە جەمئىيەتنىڭ ئالغا ئىلگىرىلىشىگە پايدىلىق، پەن - تېخنىكا، مەدەنىيەت بىلىملىرىنى تارقىتىش ۋە توپلاش، مىللەتلەرنىڭ مۇنەۋۋەر مەدەنىيىتىنى نامايان قىلىش، خەلقئارا مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش، خەلقنىڭ مەنىۋى تۇرمۇشىنى بېيىتىش ۋە يۇقىرى كۆتۈرۈش شەرت.
4 - ماددا پۇقرالارنىڭ نەشر ئەركىنلىك ھوقۇقىنى قانۇن بويىچە يۈرگۈزۈشىگە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.
پۇقرالار نەشر ئەركىنلىكى ھوقۇقىنى يۈرگۈزگەندە، ئاساسىي قانۇن ۋە قانۇنلارغا رىئايە قىلىشى، ئاساسىي قانۇندا بەلگىلەنگەن ئاساسىي پرىنسىپلارغا قارشى چىقماسلىقى، دۆلەت، جەمئىيەت، كوللېكتىپنىڭ مەنپەئىتىگە ۋە باشقا پۇقرالارنىڭ قانۇنىي ئەركىنلىكىگە، ھوقۇقىغا زىيان يەتكۈزمەسلىكى كېرەك.
5- ماددا پۇقرالارنىڭ نەشىر ئەركىنلىكى ھوقۇقىنى يۈرگۈزگەندە، ئاساسىي قانۇن ۋە قانۇنلارغا رىئايە قىلىشى، ئاساسىي قانۇندا بەلگىلەنگەن ئاساسىي پرىنسىپلارغا قارشى چىقماسلىقى، دۆلەت، جەمئىيەت، كوللېكتىپىنىڭ مەنپەئىتىگە ۋە باشقا پۇقرالارنىڭ قانۇنىي ئەركىنلىكىگە، ھوقۇقىغا زىيان يەتكۈزمەسلىكى كېرەك.
6 - ماددا گوۋۇيۈەننىڭ نەشرىياتچىلىق مەمۇرىي تارمىقى پۈتۈن مەملىكەت بويىچە نەشرىياتچىلىقنى نازارەت قىلىپ، باشقۇرۇشقا مەسئۇل بولىدۇ. گوۋۇيۈەننىڭ باشقا مۇناسىۋەتلىك تارماقلىرى گوۋۇيۈەن بەلگىلىگەن مەسئۇلىيىتى بويىچە ئالاقىدار نەشرىياتچىلىق پائالىيەتلىرىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشقا مەسئۇل بولىدۇ.
ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ نەشرىياتچىلىقنى باشقۇرۇشقا مەسئۇل مەمۇرىي تارمىقى (تۆۋەندە نەشرىياتچىلىق مەمۇرىي تارمىقى دېيىلىدۇ) ئۆز مەمۇرىي رايونىدىكى نەشرىياتچىلىق پائالىيەتلىرىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشقا مەسئۇل بولىدۇ.
7 - ماددا نەشرىياتچىلىق مەمۇرىي تارمىقى قانۇنغا خىلاپلىق قىلغانلىق گۇمانىغا دائىر دەلىل - ئىسپات ياكى پاش قىلىنغان ئىشلارغا ئاساسەن، نەشر بۇيۇمىنى نەشر قىلىش، بېسىش ياكى كۆپەيتىش، ئىمپورت قىلىش، تارقىتىش قاتارلىق ھەرىكەتلەر بىلەن قانۇنغا خىلاپ ھالدا شۇغۇللىنىش قىلمىشلىرىنى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىشتا، قانۇنغا خىلاپ ھەرىكەتلەرگە ئالاقىدار بۇيۇملارنى تەكشۈرسە بولىدۇ، قانۇنغا خىلاپ ھەرىكەتكە ئالاقىدار بۇيۇم ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلايدىغان دەلىل - ئىسپات بولسا، پېچەتلىۋەتسە ياكى تۇتۇپ قالسا بولىدۇ.
8 - ماددا نەشرىياتچىلىق ساھەسىدىكى ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار نىزامنامىسى بويىچە، نەشرىياتچىلىق مەمۇرىي تارمىقىنىڭ يېتەكچىلىكىدە ئۆزىنى ئۆزى باشقۇرىدۇ.
ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ باشقا ئالاقىدار تارماقلىرى مەسئۇلىيەت دائىرىسىدە ئالاقىدار نەشرىياتچىلىق پائالىيەتلىرىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشقا مەسئۇل بولىدۇ.
ئىككىنچى باب نەشر ئورنى قۇرۇش ۋە باشقۇرۇش
9 - ماددا گېزىت، ژۇرنال، كىتاب، ئۈن - سىن بۇيۇمى ۋە ئېلېكترون نەشر بۇيۇمىنى نەشر ئورۇنلىرى نەشر قىلىشى كېرەك.
بۇ نىزامدا ئېيتىلغان نەشر ئورۇنلىرى گېزىتخانا، ژۇرنال، كىتاب نەشرىياتلىرى، ئۈن - سىن نەشرىياتى، ئېلېكترون نەشرىياتى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
قانۇنىي ئىگىلەر گېزىت، ژۇرنال نەشر قىلىشتا گېزىتخانا، ژۇرنال نەشرىياتى قۇرمىسا، ئۇلار قۇرغان گېزىت تەھرىر بۆلۈمى، ژۇرنال تەھرىر بۆلۈمى نەشر ئورنى دەپ قارىلىدۇ.
10 - ماددا گوۋۇيۈەننىڭ نەشرىياتچىلىق مەمۇرىي تارمىقى پۈتۈن مەملىكەت بويىچە نەشر ئورۇنلىرىنىڭ سانى، قۇرۇلمىسى، جايلىشىش يىرىك پىلانىنى تۈزىدۇ، نەشرىياتچىلىقنىڭ تەرەققىياتىغا يېتەكچىلىك قىلىدۇ ۋە ئۇنى ماسلاشتۇرىدۇ.
11 - ماددا نەشر ئورنى قۇرۇشتا تۆۋەندىكى شەرتلەر ھازىرلىنىشى كېرەك:
(1) نەشر ئورنىنىڭ نامى، نىزامنامىسى بولۇش؛
(2) گوۋۇيۈەننىڭ نەشرىياتچىلىق مەمۇرىي تارمىقى بېكىتكەن ئۇيۇشتۇرغۇچى ئورۇن ۋە ئۇنىڭ مەسئۇل ئورگىنى بولۇش؛
(3) ئېنىق كەسپىي دائىرىسى بولۇش؛
(4) 300 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى رويخەتكە ئېلىنغان مەبلىغى، مۇقىم خىزمەت سورۇنى بولۇش؛
(5) كەسپىي ئېھتىياجىغا ماسلىشالايدىغان تەشكىلىي ئاپپاراتى ۋە دۆلەت بەلگىلەنگەن سالاھىيەت شەرتىگە ئۇيغۇن بولغان تەھرىرلەش، نەشر قىلىش خادىملىرى بولۇش.
نەشر ئورنى قۇرۇشنى تەكشۈرۈپ تەستىقلاشتا، ئالدىنقى تارماقتا كۆرسىتىلگەن شەرتلەرگە ئاساسلانغاندىن سىرت، يەنە نەشر ئورۇنلىرىنىڭ سانى، قۇرۇلمىسى، تارقىلىش پىلانىغىمۇ ئۇيغۇنلاشتۇرۇش كېرەك.
12 - ماددا نەشر ئورنى قۇرۇشتا، ئاساسلىق ئۇيۇشتۇرغۇچى ئورۇن تۇرۇشلۇق جايدىكى ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاستە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ نەشرىياتچىلىق مەمۇرىي تارمىقىغا ئىلتىماس قىلىدۇ. ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاستە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ نەشرىياتچىلىق مەمۇرىي تارمىقى تەكشۈرۈپ قوشۇلغاندىن كېيىن گوۋۇيۈەننىڭ نەشرىياتچىلىق مەمۇرىي تارمىقىنىڭ تەستىقلىشىغا يوللايدۇ.
13 - ماددا نەشغر قىلىش ئورنى قۇرۇشتا ئىلتىماسىغا تۆۋەندىكى ئىشلار ئېنىق يېزىلىشى كېرەك:
(1) نەشر ئورنىنىڭ نامى، ئادرېسى؛
(2) نەشر ئورنىنى ئۇيۇشتۇرغۇچى ئورۇن ۋە باشقۇرغۇچى ئورگاننىڭ نامى، ئادرېسى؛
(3) نەشر ئورنىنىڭ قانۇندا بەلگىلەنگەن ۋەكىلى ياكى ئاساسلىق مەسئۇلىنىڭ ئىسمى، ئادرېسى ھەم سالاھىيەت ئىسپات ھۆججىتى؛
(4) نەشر ئورنىنىڭ مەبلەغ مەنبەسى ۋە سانى.
گېزىتخانا، ژۇرنال نەشرىياتى ياكى گېزىت تەھرىر بۆلۈمى، ژۇرنال تەھرىر بۆلۈمى قۇرۇشتا، ئىلتىماسقا گېزىت ياكى ژۇرنالنىڭ نامى، قەرەلى، بەت سانى ياكى فورماتى، بېسىش ئورنىمۇ ئېنىق يېزىلىشى كېرەك.
ئىلتىماسقا نەشر ئورنىنىڭ نىزامنامىسى ۋە نەشر ئورنىنى ئۇيۇشتۇرغۇچى ئورۇن ھەم باشقۇرغۇچى ئورگاننىڭ ئالاقىدار ئىسپات ماتېرىياللىرى قوشۇمچە قىلىنىشى كېرەك.
14 - ماددا گوۋۇيۈەنننىڭ نەشرىياتچىلىق مەمۇرىي تارمىقى نەشر ئورنى قۇرۇش ئىلتىماسىنى تاپشۇرۇۋالغان كۈندىن باشلاپ 90 كۈن ئىچىدە تەستىقلاش ياكى تەستىقلىماسلىق ھەققىدە قارار چىقىرىشى ھەمدە ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاستە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ نەشرىياتچىلىق مەمۇرىي تارمىقى ئارقىلىق ئۇيۇشتۇرغۇچى ئورۇنغا يازما ئۇقتۇرۇش قىلىشى كېرەك؛ تەستىقلانمىغانلىرىنىڭ سەۋەبىنى چۈشەندۈرۈش كېرەك.
15 - ماددا نەشر ئورنىنى ئۇيۇشتۇرغۇچى ئورۇن گوۋۇيۈەننىڭ نەشرىياتچىلىق مەمۇرىي تارمىقىنىڭ تەستىقىنى تاپشۇرۇۋالغان كۈندىن باشلاپ 60 كۈن ئىچىدە تۇرۇشلۇق جايدىكى ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاستە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ نەشرىياتچىلىق مەمۇرىي تارمىقىغا تىزىملىتىپ، نەشر قىلىش ئىجازەتنامىسى ئېلىش كېرەك. تىزىملىتىدىغان ئىشلارنى گوۋۇيۈەننىڭ نەشرىياتچىلىق مەمۇرىي تارمىقى بەلگىلەيدۇ.
نەشر ئورنى تىزىمغا ئېلىنغاندىن كېيىن نەشر قىلىش ئىجازەتنامىسىنى كۆرسىتىپ، سودا - سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش تارمىقىغا تىزىملىتىپ قانۇن بويىچە تىجارەت كىنىشكىسى ئالىدۇ.
16 - ماددا گېزىتخانا، ژۇرنال، كىتاب نەشرىياتى، ئۈن - سىن نەشرىياتى ۋە ئېلېكترون نەشرىياتى قاتارلىقلار قانۇنىي ئىگىلىك شەرتىنى ھازىرلىشى كېرەك، تەستىقلىتىپ تىزىمغا ئالدۇرغاندىن كېيىن قانۇنىي ئىگىلىك سالاھىيىتىگە ئېرىشەلەيدۇ ھەم ئۆزىنىڭ بارلىق قانۇنىي ئىگىلىك مال - مۈلكى بىلەن ھەق تەلەپ جاۋابكارلىقىنى مۇستەقىل ئۈستىگە ئالىدۇ.
بۇ نىزامنىڭ 9 - ماددا 3 - تارمىقىدىكى بەلگىلىمە بويىچە، نەشر ئورنى دەپ قارىلىدىغان گېزىت تەھرىر بۆلۈمى، ژۇرنال تەھرىر بۆلۈمىنىڭ قانۇنىي ئىگىلىك سالاھىيىتى بولمايدۇ، ئۇلارنىڭ ھەق تەلەپ جاۋابكارلىقىنى ئۇيۇشتۇرغۇچى ئورۇن ئۈستىگە ئالىدۇ.
17 - ماددا نەشر ئورنىنىڭ نامى، باشقۇرغۇچى ئورگىنى، كەسپىي دائىرىسىنى ئۆزگەرتىشتە، قوشۇۋەتكەن ياكى ئايرىۋەتكەندە، يېڭى گېزىت، ژۇرنال نەشر قىلىش ياكى گېزىت، ژۇرنالنىڭ نامى، قەرەلىنى ئۆزگەرتىشتە مۇشۇ نىزامنىڭ 12 -، 13 - ماددىسىدىكى بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن، تەستىق رەسمىيىتى بېجىرىش ھەمدە ئەسلى تىزىملىغان سودا - سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش تارمىقىغا بېرىپ مۇناسىپ تىزىملىتىش رەسمىيىتى بېجىرىش كېرەك.
نەشر ئورنى يۇقىرىقى تارماقتا كۆرسىتىلگەن ئىش تۈرلىرىدىن باشقا ئىش تۈرلىرىنى ئۆزگەرتىشتە، ئورۇن ۋە باشقۇرغۇچى ئورگاننىڭ ماقۇللۇقىنى ئېلىپ، تۇرۇشلۇق جايدىكى ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاستە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ نەشرىياتچىلىق مەمۇرىي تارمىقىغا تىزىم ئۆزگەرتىشنى ئىلتىماس قىلىشى ھەمدە گوۋۇيۈەننىڭ نەشرىياتچىلىق مەمۇرىي تارمىقىغا ئەنگە ئالدۇرغاندىن كېيىن ئەسلى تىزىملىغان سودا - سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش تارمىقىغا بېرىپ تىزىم ئۆزگەرتىشى كېرەك.
18 - ماددا نەشر ئورنى نەشرىياتچىلىق پائالىيىتىنى ئاخىرلاشتۇرغاندا، تۇرۇشلۇق جايدىكى ئۆلكىلىك، ئاپتونو رايونلۇق، بىۋاستە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ نەشرىياتچىلىق مەمۇرىي تارمىقىغا بېرىپ تىزىمدىن ئۆچۈرۈشى ھەمدە گوۋۇيۈەننىڭ نەشرىياتچىلىق مەمۇرىي تارمىقىغا ئەنگە ئالدۇرغاندىن كېيىن سودا - سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش تارمىقىغا بېرىپ تىزىمدىن ئۆچۈرتكۈزۈشى كېرەك.
19 - ماددا كىتاب، ئۈن - سىن ۋە ئېلېكترون نەشرىياتلىرى رويخەتكە ئالدۇرغان كۈندىن باشلاپ 180 كۈنگىچە نەشرىياتچىلىق بىلەن شۇغۇللانمىسا، گېزىتخانا، ژۇرنال نەشرىياتى تىزىمغا ئالدۇرغان كۈندىن باشلاپ 90 كۈنگىچە گېزىت، ژۇرنال نەشر قىلمىسا، رويخەتكە ئالغان ئەسلى تىزىملىغان نەشرىياتچىلىق مەمۇرىي تارمىقى ئەسلى تىزىملىغان تىزىمدىن ئۆچۈرىدۇ ھەمدە گوۋۇيۈەننىڭ نەشرىياتچىلىق مەمۇرىي تارمىقىغا ئەنگە ئالدۇرىدۇ.
تاقابىل تۇرۇپ بولمايدىغان سەۋەبلەر ياكى باشقا يوللۇق سەۋەبلەر تۈپەيلى ئالدىنقى تارماقتا كۆرسىتىلگەن ئەھۋال كۆرۈلسە، نەشر ئورنى ئەسلى تىزىمغا ئالغان نەشرىياتچىلىق مەمۇرىي تارمىقىغا مۆھلەتنى ئۇزارتىپ بېرىشنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ.
20 - ماددا كىتاب، ئۈن - سىن ۋە ئېلېكترون نەشرىياتلىرىنىڭ يىللىق نەشر پىلانى ۋە دۆلەت خەۋپسىزلىكى، جەمئىيەت ئامانلىقى قاتارلىق جەھەتلەردىكى زور تېمىلارنى تۇرۇشلۇق جايدىكى ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاستە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ نەشرىياتچىلق مەمۇرىي تارمىقى تەستىقلىغاندىن كېيىن گوۋۇيۈەننىڭ نەشرىياتچىلىق مەمۇرىي تارمىقىغا ئەنگە ئالدۇرۇش كېرەك؛ زور تېمىلارغا چېتىلىدىغان، نەشر قىلىشتىن ئىلگىرى ئەنگە ئالدۇرمىغان نەشر بۇيۇمىنى نەشر قىلىشقا بولمايدۇ. كونكرېت چارىسىنى گوۋۇيۈەننىڭ نەشرىياتچىلىق مەمۇرىي تارمىقى تۈزۈپ چىقىدۇ.
21 - ماددا ژۇرنال نەشرىياتىنىڭ زور تېمىلىرىنى ئالدىنقى تارماقتىكى بەلگىلىمە بويىچە ئەنگە ئالدۇرۇش كېرەك، نەشرىياتچىلىق مەمۇرىي تارمىقى ئۆز مەمۇرىي رايونىدىكى نەشر ئورۇنلىرىنىڭ نەشرىياتچىلىقىنى كۈندىلىك نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى كۈچەيتىشى كېرەك.
نەشر ئورۇنلىرى گوۋۇيۈەننىڭ نەشرىياتچىلىق مەمۇرىي تارمىقىنىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە نەشرىياتچىلىق ئەھۋالىنى نەشرىياتچىلىق مەمۇرىي تارمىقىغا يازما دوكلات قىلىشى كېرەك.
22 - ماددا نەشر ئورۇنلىرىنىڭ ھەر قانداق ئورۇن ياكى شەخسكە ئۆز ئورنىنىڭ نامى، كىتاب نومۇرى، ژۇرنال نومۇرى ياكى ئۈن - سىن بۇيۇمى نومۇرى، بېتىنى سېتىشىغا ياكى باشقا شەكىللەر بىلەن ئۆتۈنۈپ بېرىشىگە يول قويۇلمايدۇ.
23 - ماددا نەشر ئورۇنلىرى نەشر بۇيۇمىنى تارقىتىشتىن ئىلگىرى دۆلەتنىڭ مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىلىرىگە ئاساسەن، دۆلەت كۇتۇپخانىسى، نەشرىياتچىلىق مەمۇرىي تارمىقىغا ھەقسىز ئەۋرىشكە ئەۋەتىشى كېرەك.
ئۈچىنچى باب نەشر بۇيۇمى نەشر قىلىش
24 - ماددا پۇقرالار مۇشۇ نىزامدىكى بەلگىلىمىگە ئاساسەن، نەشر بۇيۇملىرىدا ئۆزىنىڭ دۆلەت ئىشلىرى، ئىقتىساد ۋە مەدەنىيەت ئىشلىرى، ئىجتىمائىي ئىشلارغا بولغان چۈشەنچىسى ۋە ئارزۇسىنى ئەركىن ئىپادىلىسە، ئۆزىنىڭ پەن تەتقىقاتى، ئەدەبىيات - سەنئەت ئىجادىيىتى ۋە باشقا مەدەنىيەت پائالىيەتلىرى نەتىجىسىنى ئەركىن ئېلان قىلسا بولىدۇ.
قانۇنلۇق نەشر بۇيۇملىرىنى قانۇن قوغدايدۇ، ھەر قانداق تەشكىلات ۋە شەخسنىڭ قانۇنسىز ئارىلىشىشى، توسقۇنلۇق قىلىشى، بۇزغۇنچىلىق قىلىشىغا يول قويۇلمايدۇ.
25 - ماددا نەشر ئورۇنلىرى تەھرىرلىك جاۋابكارلىق تۈزۈمىنى يولغا قويىدۇ، نەشر بۇيۇمى مەزمۇنىنىڭ مۇشۇ نىزامدىكى بەلگىلىمىلەرگە ئۇيغۇن بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىدۇ.
26 - ماددا ھەر قانداق نەشر بۇيۇمىدا تۆۋەندىكىدەك مەزمۇنلارنىڭ بولۇشىغا يول قويۇلمايدۇ:
(1) ئاساسىي قانۇندا بېكىتىلگەن ئاساسىي پرىنسىپلارغا قارشى تۇرىدىغان؛
(2) دۆلەتنىڭ بىرلىكى، ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە زېمىن پۈتۈنلۈكىگە خەۋپ يەتكۈزىدىغان؛
(3) دۆلەت مەخپىيىتىنى ئاشكارىلايدىغان، دۆلەت خەۋپسىزلىكىگە خەۋپ يەتكۈزىدىغان ياكى دۆلەتنىڭ شان - شەرىپى ۋە مەنپەئىتىگە زىيان يەتكۈزىدىغان؛
(4) مىللىي ئۆچمەنلىك، مىللىي كەمسىتىشكە قۇتراتقۇلۇق قىلىدىغان، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغان ياكى ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ئۆرپ - ئادىتىگە دەخلى - تەرۇز قىلىدىغان؛
(5) بىدئەتلىك، خۇراپاتلىقنى تەرغىب قىلىدىغان؛
(6) ئىجتىمائىي تەرتىپنى قالايمىقانلاشتۇرىدىغان، مۇقىملىققا بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغان؛
(7) شەھۋانىيلىق، قىمارۋازلىق، زوراۋانلىق تەرغىب قىلىنغان ياكى جىنايەت ئۆتكۈزۈشكە قۇترىتىدىغان؛
(8) باشقىلارنى ھاقارەتلەيدىغان ياكى باشقىلارغا بۆھتان چاپلايدىغان، باشقىلارنىڭ قانۇنىي ھوقۇق - مەنپەئىتىگە دەخلى - تەرۇز يەتكۈزىدىغان؛
(9) سوتسىيالىستىك جامائەت ئەخلاقى ياكى مىللەتنىڭ مۇنەۋۋەر مەدەنىيەت ئەنئەنىسىگە خەۋپ يەتكۈزىدىغان؛
(10) قانۇن، مەمۇرىي نىزام ۋە دۆلەت بەلگىلىمىلىرىدە مەزمۇنلار.
27 - ماددا قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى ئوبيېكتىپ قىلغان نەشر بۇيۇملىرىدا قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى ئىجتىمائىي ئەخلاققا خىلاپ قىلمىشلار ۋە قانۇنغا خىلاپ جىنايى قىلمىشلارنى دوراشقا قىزىقتۇرىدىغان مەزمۇنلارنىڭ بولۇشىغا يول قويۇلمايدۇ؛
قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ جىسمانىي، روھىي ساغلاملىقىغا دەخلى يەتكۈزىدىغان، تېرورلۇق، ۋەھشىيلىك تەرغىب قىلىنغان مەزمۇنلارنىڭ بولۇشىغا يول قويۇلمايدۇ.
28 - ماددا نەشر بۇيۇمىنىڭ مەزمۇنى چىن ياكى ئادىل بولمىغانلىقتىن، پۇقرالار، قانۇنىي ئىگىلەر ياكى باشقا تەشكىلاتلارنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق - مەنپەئىتى زىيانغا ئۇچرىسا، تەسىرىنى تۈگىتىشى ھەمدە باشقا ھەق تەلەپ جاۋابكارلىقىنى قانۇن بويىچە ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك.
گېزىت، ژۇرناللاردا ئېلان قىلىنغان ئەسەرنىڭ مەزمۇنى چىن ياكى ئادىل بولماي، پۇقرالار، قانۇنىي ئىگىلەر ياكى باشقا تەشكىلاتلارنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق - مەنپەئىتى زىيانغا ئۇچرىغاندا، دەۋالاشقۇچىلار ئالاقىدار نەشر ئورنىدىن تۈزىتىش ياكى جاۋاب بېرىشنى تەلەپ قىلىشقا ھوقۇقلۇق، ئالاقىدار نەشر ئورنى ئۇنى گېزىت، ژۇرنالنىڭ يېقىنقى سانىدا ئېلان قىلىشى كېرەك. ئېلان قىلمىسا ئالاقىدار خەلق سوت مەھكىمىسىگە دەۋا قىلسا بولىدۇ.
29 - ماددا دۆلەتنىڭ مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن، نەشر بۇيۇمىغا ئاپتور، نەشر قىلغۇچى، باسقۇچى ياكى كۆپەيتكۈچى، تارقاتقۇچىنىڭ نامى، ئادرېسى، كىتاب نومۇرى، ژۇرنال نومۇرى ياكى ئۈن - سىن بۇيۇمى نومۇرى، نەشر قىلىنغان ۋاقتى، قەرەلى ۋە باشقا مۇناسىۋەتلىك ئىشلار ئېنىق يېزىلىشى شەرت.
نەشر بۇيۇمىنىڭ ئۆلچىمى، فورماتى، بەت شەكلى، مۇقاۋىسى، كوررېكتورلۇقى قاتارلىقلار دۆلەت ئۆلچىمى ۋە قائىدىسىدىكى تەلەپكە ئۇيغۇن كېلىشى، نەشر بۇيۇمىنىڭ سۈپىتىگە كاپالەتلىك قىلىنىشى شەرت.
30 - ماددا ھەر قانداق ئورۇن ياكى شەخسنىڭ نەشر ئورنى ياكى گېزىت، ژۇرنال نامىنى ئويدۇرۇپ چىقىرىپ، سۈيئىستېمال قىلىپ نەشر بۇيۇمى نەشر قىلىشىغا يول قويۇلمايدۇ.
31 - ماددا ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ دەرسلىكلىرىنى گوۋۇيۈەننىڭ مائارىپ مەمۇرىي تارمىقى تەكشۈرۈپ بېكىتىدۇ ياكى تەكشۈرۈپ بېكىتىشكە تەشكىللەيدۇ، ئۇنى نەشر قىلىدىغان، باسىدىغان، تارقىتىدىغان ئورۇننى ئۆلكە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ نەشرىياتچىلىق مەمۇرىي تارمىقى، مائارىپ مەمۇرىي تارمىقى، باھا مەسئۇل تارمىقى بىلەن بىرلىكتە خېرىدار چاقىرىش ئۇسۇلى ياكى باشقا ئاشكارا، ئادىل ئۇسۇل بىلەن بېكىتىدۇ؛ باشقا ھەر قانداق ئورۇن ياكى شەخسنىڭ ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ دەرسلىكلىرىنى نەشر قىلىش، بېسى، تارقىتىشىغا يول قويۇلمايدۇ. كونكرېت چارىسى ۋە يولغا قويۇش قەدەم - باسقۇچلىرىنى گوۋۇيۈەننىڭ نەشرىياتچىلىق مەمۇرىي تارمىقى گوۋۇيۈەننىڭ مائارىپ مەمۇرىي تارمىقى، باھا مەسئۇل تارمىقى بىلەن بىرلىكتە بەلگىلەيدۇ.
تۆتىنچى باب نەشر بۇيىمىنى بېسىش ياكى كۆپەيتىش ۋە تارقىتىش
32 - ماددا نەشر بۇيۇمى بېسىش ياكى كۆپەيتىش ئورۇنلىرى تۇرۇشلۇق جايدىكى ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاستە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ نەشرىياتچىلىق مەمۇرىي تارمىقىغا ئىلتىماس قىلىپ تەكشۈرۈپ ئىجازەت بېرىلگەن ھەمدە دۆلەتنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىسى بويىچە جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى ۋە سودا - سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش تارمىقىغا بېرىپ ئالاقىدار رەسمىيەت بېجىرگەندىن كېيىن نەشر بۇيۇمى باسسا ياكى كۆپەيتسە بولىدۇ.
33 - ماددا نەشر ئورنىنىڭ ئىجازىتىنى ئالمىغان ھەم ئالاقىدار رەسمىيەتلەرنى بېجىرمىگەنلەرنىڭ گېزىت، ژۇرنال، كىتاب بېسىشىغا، ئۈن - سىن بۇيۇمى، ئېلېكترون نەشر بۇيۇمىنى كۆپەيتىشىگە يول قويۇلمايدۇ.
34 - ماددا نەشر ئورنىنىڭ نەشر بۇيۇمى بېسىش ياكى كۆپەيتىش ئىجازىتى ئالمىغان ئورۇنغا بېسىپ بېرىش ياكى كۆپەيتىپ بېرىشنى ھاۋالە قىلىشىغا يول قويۇلمايدۇ. نەشر ئورنى باسقۇچى ياكى كۆپەيتكۈچى ئورۇنغا نەشر بۇيۇمى بېسىش ياكى كۆپەيتىشنى ھاۋالە قىلغاندا، دۆلەتنىڭ نەشر بۇيۇمىنى بېسىش ياكى كۆپەيتىشكە دائىر بەلگىلىمىسىگە مۇناسىۋەتلىك ئىسپات بىلەن تەمىنلىشى ھەمدە باسقۇچى ياكى كۆپەيتكۈچى ئورۇن بىلەن قانۇن بويىچە توختام تۈزۈشى شەرت.
بېسىش ياكى كۆپەيتىش ئورنىنىڭ نەشر ئورنى بولمىغان ئورۇن ياكى شەخسنىڭ ھاۋالىسىنى قوبۇل قىلىپ گېزىت، ژۇرنال، كىتابلارنى بېسىشىغا ياكى ئۈن - سىن بۇيۇمى، ئېلېكترون نەشر بۇيۇمىنى كۆپەيتىشىگە يول قويۇلمايدۇ. گېزىت، ژۇرنال، كىتابلارنى ئۆز مەيلىچە بېسىش، تارقىتىشىغا ياكى ئۈن - سىن بۇيۇمى، ئېلېكترون نەشر بۇيۇمىنى ئۆز مەيلىچە كۆپەيتىش، تارقىتىشىغا يول قويۇلمايدۇ.
35 - ماددا بېسىش ياكى كۆپەيتىش ئورنى تۇرۇشلۇق جايدىكى ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاستە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ نەشرىياتچىلىق مەمۇرىي تارمىقىنىڭ تەستىقىنى ئېلىپ چېگرا سىرتى نەشر بۇيۇمىنى بېسىش ياكى كۆپەيتىش كەسپىنى قوبۇل قىلسا بولىدۇ، لېكىن باسقان، كۆپەيتكەن چېگرا سىرتى نەشر بۇيۇمىنىڭ ھەممىسىنى چېگرا سىرتىغا ئېلىپ چىقىپ كېتىشى شەرت. چېگرا ئىچىدە تارقىتىشقا يول قويۇلمايدۇ.
چېگرا سىرتىدىن بېسىش ياكى كۆپەيتىش ھاۋالە قىلىنغان نەشر بۇيۇمىنىڭ مەزمۇنىنى ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاستە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ نەشرىياتچىلىق مەمۇرىي تارمىقىنىڭ تەكشۈرۈشىدىن ئۆتۈزۈش كېرەك. ھاۋالە قىلغۇچىدا ئەسەر ھوقۇقى ئىگىسىنىڭ ھوقۇق بەرگەنلىك خېتى بولۇشى ھەمدە ئەسەر ھوقۇقىنى مەمۇرىي باشقۇرغۇچى تارماقلارغا تىزىملىتىشى كېرەك.
36 - ماددا بېسىش ياكى كۆپەيتىش ئورنى نەشر بۇيۇمىنى بېسىپ ياكى كۆپەيتىپ بولغان كۈندىن باشلاپ ئىككى يىلغىچە، قوبۇل قىلغان نەشر بۇيۇمىنىڭ ئەۋرىشكىسىدىن بىر نۇسخا ساقلاپ قويۇشى لازىم.
37 - ماددا مەملىكەت مىقياسىدا گېزىت، ژۇرنال، كىتاب زەنجىرسىمان تىجارىتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ئورۇن باش ئاپپاراتى تۇرۇشلۇق جايدىكى ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاستە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ نەشرىياتچىلىق مەمۇرىي تارمىقىنىڭ ئىجازىتىنى ئالغاندىن كېيىن گوۋۇيۈەننىڭ نەشرىياتچىلىق مەمۇرىي تارمىقىغا تەستىقلىتىشى ھەمدە سودا - سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش تارمىقىدىن قانۇن بويىچە تىجارەت كىنىشكىسى ئېلىشى كېرەك.
گېزىت، ژۇرنال، كىتابلارنى باش تارقىتىدىغان ئورۇن گوۋۇيۈەننىڭ نەشرىياتچىلىق مەمۇرىي تارمىقىنىڭ ئىجازىتىنى ئالغان ھەمدە سودا - سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش تارمىقىدىن قانۇن بويىچە تىجارەت كىنىشكىسى ئالغاندىن كېيىن گېزىت، ژۇرنال، كىتابلارنى باش تارقىتىش كەسپى بىلەن شۇغۇللانسا بولىدۇ.
گېزىت، ژۇرنال، كىتابلارنى توپ تارقىتىدىغان ئورۇن ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاستە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ نەشرىياتچىلىق مەمۇرىي تارمىقىنىڭ ئىجازىتىنى ئالغان ھەمدە سودا - سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش تارمىقىدىن قانۇن بويىچە تىجارەت كىنىشكىسى ئالغاندىن كېيىن گېزىت، ژۇرنال، كىتابلارنى توپ تارقاتسا بولىدۇ.
پوچتا كارخانىلىرىنىڭ گېزىت، ژۇرنال تارقىتىشى پوچتا قانۇنىدىكى بەلگىلىمە بويىچە بولىدۇ.
38 - ماددا گېزىت، ژۇرنال، كىتابلارنى پارچە ساتىدىغان ئورۇن ۋە شەخسلەر ناھىيە دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ نەشرىياتچىلق مەمۇرىي تارمىقىنىڭ تەستىقىنى ئالغان ھەمدە سودا - سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش تارمىقىدىن قانۇن بويىچە تىجارەت كىنىشكىسى ئالغاندىن كېيىن نەشر بۇيۇمىنى پارچە ساتسا بولىدۇ.
39 - ماددا نەشر ئورنى ئۆزى نەشر قىلغان نەشر بۇيۇمىنى تارقاتسا بولىدۇ، باشقا نەشر ئورنى نەشر قىلغان نەشر بۇيۇمىنى تارقىتىشىغا يول قويۇلمايدۇ.
40 - ماددا دۆلەت كىتاب، گېزىت، ژۇرناللارنى بۆلۈپ ساتىدىغان جۇڭگو - چەت ئەل شېرىكچىلىكىدىكى كارخانا ۋە چەت ئەللىكلەر مەبلەغ سالغان كارخانا قۇرۇشقا رۇخسەت قىلىدۇ. كونكرېت يولغا قويۇش چارىسى ۋە قەدەم - باسقۇچنى گوۋۇيۈەننىڭ نەشرىياتچىلىق مەمۇرىي تارمىقى گوۋۇيۈەننىڭ تاشقى ئىقتىساد - سودا باشقۇرۇش تارمىقى بىلەن بىرلىكتە ئالاقىدار بەلگىلىمە بويىچە بەلگىلەيدۇ.
41 - ماددا بېسىش ياكى كۆپەيتىش ئورنى، تارقىتىش ئورنىنىڭ تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرى بولغان نەشر بۇيۇمىنى بېسىشىغا، كۆپەيتىشىگە ياكى تارقىتىشىغا يول قويۇلمايدۇ:
(1) مۇشۇ نىزامنىڭ 26 -، 27 - ماددىسىدا مەنئى قىلىنغان مەزمۇن بولغىنى؛
(2) قانۇنسىز ئىمپورت قىلىنغىنى؛
(3) نەشر ئورنى ياكى گېزىت، ژۇرنال نامى ئويدۇرۇپ چىقىلغان، سۈيئىستېمال قىلىنغىنى؛
(4) نەشر ئورنى نامى يېزىلمىغىنى؛
(5) ئوتتۇرا - باشلانغۇچ مەكتەپ دەرسلىكلىرىدىن قانۇن بويىچە تەكشۈرۈشتىن ئۆتكۈزۈلمىگىنى؛
(6) باشقىلارنىڭ ئەسەر ھوقۇقىغا دەخلى - تەرۇز يەتكۈزۈلگەنلىرى.
بەشىنچى باب نەشر بۇيۇمىنى ئىمپورت قىلىش
42 - ماددا نەشر بۇيۇمى ئىمپورت كەسپىنى مۇشۇ نىزام بويىچە قۇرۇلغان نەشر بۇيۇمى ئىمپورت تىجارەت ئورنى قىلىدۇ، بۇنىڭ ئىچىدىكى گېزىت، ژۇرنال ئىمپورت تىجارەت ئورنىنى گوۋۇيۈەننىڭ نەشرىياتچىلىق مەمۇرىي تارمىقى بېكىتىشى شەرت.
تەستىقلاتماي تۇرۇپ ھەر قانداق ئورۇن ۋە شەخسنىڭ نەشر بۇيۇمى ئىمپورت قىلىشىغا يول قويۇلمايدۇ؛ بېكىتىلمەي تۇرۇپ ھەر قانداق ئورۇن ۋە شەخسنىڭ گېزىت، ژۇرنال ئىمپورت قىلىشىغا يول قويۇلمايدۇ.
43 - ماددا نەشر بۇيۇمى ئىمپورت تىجارەت ئورنى قۇرۇشتا تۆۋەندىكى شەرتلەر ھازىرلىنىشى كېرەك:
(1) نەش بۇيۇمى ئىمپورت تىجارەت ئورنىنىڭ نامى، نىزامنامىسى بولۇش؛
(2) شېرىكسىز دۆلەت كارخانىسى بولۇش ھەمدە گوۋۇيۈەننىڭ نەشرىياتچىلىق مەمۇرىي تارمىقىنىڭ بەلگىلىمىسىگە ئۇيغۇن ئۇيۇشتۇرغۇچى ئورۇن ۋە مەسئۇل ئورگىنى بولۇش؛
(3) ئېنىق بېكىتىلگەن كەسىپ دائىرىسى بولۇش؛
(4) نەشر بۇيۇمى ئىمپورت كەسپىگە لايىق تەشكىلىي ئاپپاراتى ۋە دۆلەت بەلگىلىگەن سالاھىيەت شەرتىگە ئۇيغۇن كەسپىي خادىم بولۇش؛
(5) نەشر بۇيۇمى ئىمپورت كەسپىگە لايىق مەبلىغى بولۇش؛
(6) مۇقىم تىجارەت سورۇنى بولۇش؛
(7) قانۇن، مەمۇرىي نىزام ۋە دۆلەت بەلگىلىمىسىدىكى باشقا شەرتلەر.
نەشر بۇيۇمى ئىمپورت تىجارەت ئورنى قۇرۇشنى تەستىقلاشتا، ئالدىنقى تارماقتا كۆرسىتىلگەن شەرتلەرگە ئەمەل قىلغاندىن سىرت، دۆلەتنىڭ نەشر بۇيۇمى ئىمپورت ئورنىنىڭ سانى، قۇرۇلمىسى، جايلىشىشى توغرىسىدىكى يىرىك پىلانىغىمۇ ئۇيغۇنلاشتۇرۇش كېرەك.
44 - ماددا نەشربۇيۇمى ئىمپورت تىجارەت ئورنى قۇرۇشتا، گوۋۇيۈەننىڭ نەشرىياتچىلىق مەمۇرىي تارمىقىغا ئىلتىماس قىلىش، تەستىقلىتىپ گوۋۇيۈەننىڭ نەشرىياتچىلىق مەمۇرىي تارمىقى بەرگەن نەشر بۇيۇمى ئىمپورت تىجارەت ئىجازەتنامىسى ئالغاندىن كېيىن سودا - سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش تارمىقىدىن قانۇن بويىچە تىجارەت كىنىشكىسى ئېلىش كېرەك.
نەشر بۇيۇمى ئىمپورت تىجارەت ئورنى قۇرۇشتا، تاشقى سودا قانۇنى، مەمۇرىي نىزامدىكى بەلگىلىمە بويىچە مۇناسىپ رەسمىيەتلەرنى بېجىرىش كېرەك.
45 - ماددانەشر بۇيۇمى ئىمپورت تىجارەت ئورنى ئىمپورت قىلغان نەشر بۇيۇملىرىدا مۇشۇ نىزامنىڭ 26 -، 27 - ماددىلىرىدا مەنئى قىلىنغان مەزمۇن بولۇشقا يول قويۇلمايدۇ.
نەشر بۇيۇمى ئىمپورت تىجارەت ئورنى ئۆزى ئىمپورت قىلغان نەشر بۇيۇمىنىڭ مەزمۇنىنى تەكشۈرۈشكە مەسئۇل بولىدۇ. ئۆلكە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ نەشرىياتچىلىق مەمۇرىي تارمىقى، نەشر بۇيۇمى ئىمپورت تىجارەت ئورنى ئىمپورت قىلغان نەشر بۇيۇمىنىڭ مەزمۇنىنى بىۋاستە تەكشۈرسە بولىدۇ. نەشر بۇيۇمى ئىمپورت تىجارەت ئورنى ئۆزى ئىمپورت قىلغان نەشر بۇيۇمىدا مۇشۇ نىزامنىڭ 26 -، 27 - ماددىسىدا مەنئى قىلىنغان مەزمۇن بار - يوقلۇقىغا ھۆكۈم قىلالمىسا، ئۆلكە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ نەشرىياتچىلىق مەمۇرىي تارمىقىغا مەزمۇنىنى تەكشۈرۈپ بېرىشنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ. ئۆلكە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ نەشرىياتچىلىق مەمۇرىي تارمىقى نەشر بۇيۇمى ئىمپورت تىجارەت ئورنىنىڭ ئىلتىماسىغا ئاساسەن، ئىمپورت قىلىنغان نەشر بۇيۇمىنىڭ مەزمۇنىنى تەكشۈرگەندە، گوۋۇيۈەننىڭ باھا مەسئۇل تارمىقى تەستىقلىغان ئۆلچەم بويىچە ھەق ئالسا بولىدۇ.
گوۋۇيۈەننىڭ نەشرىياتچىلىق مەمۇرىي تارمىقى مۇئەييەن نەشر بۇيۇمىنى ئىمپورت قىلىشنى مەنئى قىلسا بولىدۇ.
46 - ماددا نەشر بۇيۇمى ئىمپورت تىجارەت ئورنى نەشر بۇيۇمىنى ئىمپورت قىلىشتىن ئىلگىرى ئىمپورت قىلماقچى بولغان نەشر بۇيۇمىنىڭ تىزىمىنى ئۆلكە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ نەشرىياتچىلىق مەمۇرىي تارمىقىغا ئەنگە ئالدۇرۇشى كېرەك. ئۆلكە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ نەشرىياتچىلىق مەمۇرىي تارمىقى ئىمپورت قىلىش مەنئى قىلىنغان ياكى ۋاقتىنچە كېچىكتۈرۈلىدىغان نەشر بۇيۇمىنى بايقىسا، نەشر بۇيۇمى ئىمپورت تىجارەت ئورنىغا ۋاقتىدا ئۇقتۇرۇش قىلىشى ھەمدە تاموژنىنى خەۋەرلەندۈرۈشى كېرەك. ئىمپورت قىلىش مەنئى قىلىنغانلىقى ياكى ۋاقتىنچە كېچىكتۈرۈلىدىغانلىقى خەۋەر قىلىنغان نەشر بۇيۇمىنى نەشر بۇيۇمى ئىمپورت تىجارەت ئورنىنىڭ ئىمپورت قىلىشىغا، تاموژنىنىڭ ماڭدۇرۇۋېتىشىگە يول قويۇلمايدۇ.
ئىمپورت قىلىنىدىغان نەشر بۇيۇمىنى ئەنگە ئالدۇرۇش كونكرېت چارىسىنى گوۋۇيۈەننىڭ نەشرىياتچىلىق مەمۇرىي تارمىقى تۈزۈپ چىقىدۇ.
47 - ماددا ئىمپورت قىلىنغان نەشر بۇيۇمىنى تارقىتىدىغانلار نەشر بۇيۇمىنى قانۇن بويىچە قۇرۇلغان نەشر بۇيۇمى ئىمپورت تىجارەت ئورنىدىن كىرگۈزۈشى شەرت؛ ئۇلاردىن ئىمپورت قىلىنغان گېزىت، ژۇرنال تارقىتىدىغانلىرى ئۇنى گوۋۇيۈەننىڭ نەشرىياتچىلىق مەمۇرىي تارمىقى بېكىتكەن نەشر بۇيۇمى ئىمپورت تىجارەت ئورنىدىن كىرگۈزۈشى شەرت.
48 - ماددا نەشر بۇيۇمى ئىمپورت تىجارەت ئورنى چېگرا سىرتى نەشر بۇيۇمىنى چېگرا ئىچىدە كۆرگەزمە قىلىشتا، گوۋۇيۈەننىڭ نەشرىياتچىلىق مەمۇرىي تارمىقىغا تەستىقلىتىشى شەرت. تەستىقلاتماي تۇرۇپ ھەر قانداق ئورۇن ۋە شەخسنىڭ چېگرا سىرتى نەشر بۇيۇمىنى كۆرگەزمە قىلىشىغا يول قويۇلمايدۇ.
ئالدىنقى تارماقتىكى بەلگىلىمە بويىچە كۆرگەزمە قىلىنغان چېگرا سىرتى نەشر بۇيۇمىنى سېتىشقا توغرا كەلسە، دۆلەتنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىسى بويىچە مۇناسىپ رەسمىيەت بېجىرىش كېرەك.
ئالتىنچى باب كاپالەت ۋە مۇكاپات
49 - ماددا دۆلەت ئالاقىدار سىياسەت تۈزۈپ، نەشرىياتچىلىق ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتى ۋە گۈللىنىشىنى كاپالەتلەندۈرىدۇ، تېزلىتىدۇ.
50 - ماددا دۆلەت تۆۋەندە كۆرسىتىلگەن ئېسىل، نۇقتىلىق نەشر بۇيۇملىرىنى نەشر قلىشقا مەدەت، ئىلھام بېرىدۇ:
(1) ئاساسىي قانۇندا بېكىتىلگەن ئاساسىي پرىنسىپنى شەرھلەش، تارقىتىشتا رولى چوڭ بولغان؛
(2) خەلق ئارىسىدا ۋەتەنپەرۋەرلىك، كوللېكتىۋىزىملىق، سوتسىيالىزىم تەربىيىسى ئېلىپ بېرىش ۋە ئىجتىمائىي ئەخلاق، كەسىپ ئەخلاقى، ئائىلە گۈزەل ئەخلاقىنى جارى قىلدۇرۇشتا مۇھىم ئەھمىيىتى بولغان؛
(3) مىللەتلەرنىڭ ئېسىل مەدەنىيىتىنى جارى قلىدۇرۇش ۋە مەملىكەت ئىچى، سىرتىدىكى يېڭى پەن، مەدەنىيەت مۇۋەپپىقىيەتلىرىنى ۋاقتىدا ئەكىس ئەتتۈرۈشتە تۆھپىسى زور بولغان؛
(4) مۇھىم ئىدىيىۋى قىممىتى، ئىلمىي قىممىتى ياكى مەدەنىيەت - سەنئەت قىممىتى بولغان.
51 - ماددا دۆلەت دەرسلىكلەرنىڭ نەشر قىلىنىشى، تارقىتىلىشىنى كاپالەتلەندۈرىدۇ.
دۆلەت ئاز سانلىق مىللەت تىل - يېزىقىدىكى نەشر بۇيۇمىنى نەشر قىلىش، تارقىتىشنى يۆلەيدۇ.
دۆلەت ئاز سانلىق مىللەت رايونى، چېگرا رايون، ئىقتىسادى تەرەققىي تاپمىغان رايون ۋە يېزىلاردا نەشر بۇيۇمى تارقىتىشتا ئېتىبار سىياسەتنى يولغا قويىدۇ.
52 - ماددا گېزىت، ژۇرناللار پوچتا كارخانىسىنىڭ تارقىتىشىغا بېرىلگەن بولسا، پوچتا كارخانىسى توختامدىكى پۈتۈم بويىچە ۋاقتىدا، توغرا تارقىتىشقا كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.
نەشر بۇيۇمى توشۇيدىغان كارخانا نەشر بۇيۇمىنى توشۇشقا قۇلايلىق يارىتىپ بېرىشى كېرەك.
53 - ماددا دۆلەت نەشرىياتچىلىق ئىشلىرىنى راۋاجلاندۇرۇش، گۈللەندۈرۈشكە مۇھىم تۆھپە قوشقان ئورۇن ۋە شەخسلەرنى مۇكاپاتلايدۇ.
54 - ماددا دۆلەت نەشر بۇيۇمىنى نەشر قىلىش، بېسىش ياكى كۆپەيتىش، ئىمپورت قىلىش، تارقىتىشقا قانۇنسىز ئارىلىشىش، توسقۇنلۇق ۋە بۇزغۇنچىلىق قىلىش قىلمىشلىرىنى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ نەشرىياتچىلىق مەمۇرىي تارمىقى ۋە باشقا ئالاقىدار تارماقلار ۋاقتىدا تەدبىر قوللىنىپ چەكلىشى كېرەك.
يەتتىنچى باب قانۇن جاۋابكارلىقى
55 - ماددا نەشرىياتچىلىق مەمۇرىي تارمىقى ياكى باشقا ئالاقىدار تارماق خادىملىرىدىن ۋەزىپىسىدىكى قۇلايلىقتىن پايدىلىنىپ باشقىلاردىن پۇل، مال ياكى باشقا نەپ ئېلىپ، قانۇندا بەلگىلەنگەن قۇرۇش شەرتىگە ئۇيغۇن كەلمەيدىغان نەشر قىلىش، بېسىش ياكى كۆپەيتىش، ئىمپورت قىلىش، تارقىتىش ئورنىنى تەستىقلىغان ياكى نازارەتچىلىك مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلماي ۋە ياكى قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلارنى سەزسىمۇ تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلماي ئېغىر ئاقىۋەت پەيدا قىلغانلىرى جىنايى ئىشلار قانۇنىدىكى پارا ئېلىش جىنايىتى، خىزمەت ھوقۇقىدىن كەلسە - كەلمەس پايدىلىنىش جىنايىتى، خىزمەتتە بىپەرۋرالىق قىلىش جىنايىتى ياكى باشقا جىنايەت توغرىسىدىكى بەلگىلىمىگە ئاساسەن قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ، جىنايى جازا بېرىشكە توشمايدىغانلىرىغا دەرىجىسىنى تۆۋەنلىتىش ياكى ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلاش مەمۇرىي چارىسى كۆرۈلىدۇ.
56 - ماددا تەستىقلاتماي تۇرۇپ نەشر بۇيۇمى نەشر قىلىش، بېسىش ياكى كۆپەيتىش، ئىمپورت قىلىش، تارقىتىش ئورنىنى ئۆز مەيلىچە قۇرغان ياكى نەشر بۇيۇمى نەشر قىلىش، بېسىش ياكى كۆپەيتىش، ئىمپورت قىلىش، تارقىتىش كەسپى بىلەن ئۆز مەيلىچە شۇغۇللانغان، نەشر ئورنىنىڭ نامىنى سۇيئىستېمال قىلىپ ياكى گېزىت، ژۇرنالنىڭ نامىنى ئويدۇرۇپ چىقىپ، سۇيئىستېمال قىلىپ نەشر بۇيۇمى نەشر قىلغانلارنى نەشرىياتچىلىق مەمۇرىي تارمىقى، سودا - سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش تارمىقى قانۇندا بەلگىلەنگەن خىزمەت ھوقۇقى بويىچە ئەمەلدىن قالدۇرىدۇ، جىنايى ئىشلار قانۇنىدىكى قانۇنسىز تىجارەت جىنايىتى توغرىسىدىكى بەلگىلىمىگە ئاساسەن، قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىدۇ، جىنايى جازا بېرىشكە توشمىسا، نەشر بۇيۇمى، قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتى ۋە قانۇنغا خىلاپ ھەرىكەتتە ئىشلەتكەن سايمان، ئۈسۈنىلىرىنى مۇسادىرە قىلىدۇ، قانۇنغا خىلاپ تىجارەت سوممىسى 10 مىڭ يۈەندىن ئاشىدىغانلارغا قوشۇمچە قانۇنغا خىلاپ تىجارەت سوممىسىنىڭ 5 ھەسسىسىدىن يۇقىرى، 10 ھەسسىسىدىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ، قانۇنغا خىلاپ تىجارەت سوممىسى 10 مىڭ يۈەنگە يەتمىگەنلىرىگە قوشۇمچە 10 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 50 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ، باشقىلارنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق - مەنپەئىتىگە دەخلى - تەرۇز يەتكۈزگەنلىرى قانۇن بويىچە ھەق تەلەپ جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالىدۇ.
57 - ماددا تۆۋەندىكى قىلىمىشلارنىڭ بىرىنى سادىر قىلغانلاردىن جىنايى ئىشلار قانۇنىغا چۈشىدىغانلىرى جىنايى ئىشلار قانۇنىدىكى ئالاقىدار بەلگىلىمىگە بىنائەن، قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ؛ جىنايى جاۋابكار بېرىشكە توشمايدىغانلىرىنى نەشرىياتچىلىق مەمۇرىي تارمىقى بەلگىلەنگەن مۇددەتتە كەسپىنى توختىتىپ تەرتىپىكە سېلىشقا بۇيرۇيدۇ، نەشر بۇيۇمى، قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتىنى مۇسادىرە قىلىدۇ. قانۇنغا خىلاپ تىجارەت سوممىسى 10 مىڭ يۈەندىن ئاشىدىغانلىرىغا قوشۇمچە قانۇنغا خىلاپ تىجارەت سوممىسىنىڭ 5 ھەسسىسىدىن يۇقىرى، 10 ھەسسىسىدىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ، قانۇنغا خىلاپ تىجارەت سوممىسى 10 مىڭ يۈەنگەن يەتمىگەنلىرىگەن قوشۇمچە 10 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 50 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ، قىلىمىشى ئېغىر بولسا، ئىجازەينامە تارقاتقان ئورگان ئىجازەتنامىنى ئەمەلدىن قالدۇرىدۇ:
(1) مۇشۇ نىزامنىڭ 26 -، 27 - ماددىلىرىدا مەنئى قىلىنغان مەزمۇن بولغان نەشر بۇيۇمىنى نەشر قىلغان، ئىمپورت قىلغانلار؛
(2) نەشر بۇيۇمىدا مۇشۇ نىزامنىڭ 26 -، 27 - ماددىلىرىدا مەنئى قىلىنغان مەزمۇن بارلىقىنى بىلىپ تۇرۇپ ياكى بىلىشكە تېگىشلىك تۇرۇپ باسقان ياكى كۆپەيتكەن، تارقاتقانلار؛
(3) باشقىلارنىڭ مۇشۇ نىزامنىڭ 26 -، 27 - ماددىسىدا مەنئى قىلىنغان مەزمۇن بار نەشر بۇيۇمىنى نەشر قىلغانلىقىنى بىلىپ تۇرۇپ ياكى بىلىشكە تېگىشلىك تۇرۇپ، ئۇلارغا شۇ نەشر ئورنىنىڭ نامى، كىتاب نومۇرى،ژۇرنال نومۇرى، ئۈن - سىن بۇيۇمى نومۇرى، بەت يۈزىنى ساتقان ياكى باشقا شەكىللەر ئارقىلىق ئۆتۈنۈپ بەرگەن ۋە ياكى ئۆز ئورنىنىڭ نامى، ژۇرنال نومۇرىنى ئىجارە بەرگەنلەر.
58 - ماددا تۆۋەندىكى قىلمىشلارنىڭ بىرىنى سادىر قىلغانلارنى نەشرىياتچىلىق مەمۇرىي تارمىقى قانۇنغا خىلاپ قىلمىشىنى توختىتىشقا بۇيرۇيدۇ، نەشر بۇيۇمى، قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتىنى مۇسادىرە قىلىدۇ، قانۇنغا خىلاپ تىجارەت سوممىسى 10 مىڭ يۈەندىن يۇقىرىلىرىغا قوشۇمچە قانۇنغا خىلاپ تىجارەت سوممىسىنىڭ 5 ھەسسىسىدىن يۇقىرى، 10 ھەسسىسىدىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ، قانۇنغا خىلاپ تىجارەت سوممىسى 10 مىڭ يۈەنگە يەتمىگەنلىرىگە قوشۇمچە 10 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 50 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ، قىلمىشى ئېغىرلىرىنى بەلگىلەنگەن مۇددەتتە كەسپىنى توختىتىپ تەرتىپكە سېلىشقا بۇيرۇيدۇ، ئەسلى ئىجازەتنامە تارقاتقان ئورگان ئىجازەتنامىنى بىكار قىلىدۇ:
(1) گوۋۇيۈەننىڭ نەشرىياتچىلىق مەمۇرىي تارمىقى ئىمپورت قىلىشنى مەنئى قىلغان نەشر بۇيۇمىنى ئىمپورت قىلغان ، باسقان ياكى كۆپەيتكەن، تارقاتقانلار؛
(2) ئىمپورت نەشر بۇيۇمىنى تارقىتىشتا، نەشر بۇيۇمىنى مۇشۇ نىزامدا بەلگىلەنگەن نەشر بۇيۇمى ئىمپورت تىجارەت ئورنىدىن كىرگۈزمىگەنلەر.
59 - ماددا نەشر بۇيۇمى ئەتكەسچىلىكى قىلغانلار جىنايى ئىشلار قانۇنىدىكى ئەتكەسچىلىك جىنايىتىگە دائىر بەلگىلىمىگە ئاساسەن، قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ. جىنايى جازا بېرىشكە توشمايدىغانلارغا تاموژنا قانۇنىدىكى بەلگىلىمە بويىچە مەمۇرىي جازا بېرىلىدۇ.
60 - ماددا تۆۋەندىكى قىلمىشلارنىڭ بىرىنى سادىر قىلغان بولسا، نەشرىياتچىلىق مەمۇرىي تارمىقى نەشر بۇيۇمى، قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتىنى مۇسادىرە قىلىدۇ، قانۇنغا خىلاپ تىجارەت سوممىسى 10 مىڭ يۈەندىن ئاشىدىغانلارغا قوشۇمچە قانۇنسىز تىجارەت سوممىسىنىڭ 5 ھەسسىسىدىن يۇقىرى، 10 ھەسسىسىدىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ، قانۇنسىز تىجارەت سوممىسى 10 مىڭ يۈەنگە يەتمىگەنلەرگە قوشۇمچە 10 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 50 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ، قىلمىشى ئېغىرلىرىنى بەلگىلەنگەن مۇددەتتە كەسپىنى توختىتىپ تەرتىپكە سېلىشقا بۇيرۇيدۇ ياكى ئەسلى ئىجازەتنامە تارقاتقان ئورگان ئىجازەتنامىنى بىكار قىلىدۇ:
(1) بېسىش ياكى كۆپەيتىش ئورۇنلىرىدىن بېسىش ياكى كۆپەيتىش ئىجازىتى ئالماي تۇرۇپ نەشر بۇيۇمى باسقان ياكى كۆپەيتكەنلەر؛
(2) بېسىش ياكى كۆپەيتىش ئورۇنلىرىدىن نەشر ئورنى بولمىغان ئورۇن ياكى شەخسنىڭ ھاۋالىسىنى قوبۇل قىلىپ نەشر بۇيۇمى باسقان ياكى كۆپەيتكەنلەر؛
(3) بېسىش ياكى كۆپەيتىش ئورۇنلىرىدىن قانۇندا بەلگىلەنگەن رەسمىيەتنى بېجىرمەي چېگرا سىرتى نەشر بۇيۇمىنى باسقان ياكى كۆپەيتكەنلەر، باسقان ياكى كۆپەيتكەن چېگرا سىرتى نەشر بۇيۇمىنىڭ ھەممىسىنى چېگرىدىن ئېلىپ چىقىپ كەتمىگەنلەر؛
(4) بېسىش ياكى كۆپەيتىش، تارقىتىش ئورنى ياكى شەخسلەردىن نەشر ئورنى نامى يېزىلمىغان نەشر بۇيۇمىنى تارقاتقانلار؛
(5) نەشر قىلىش، بېسىش، تارقىتىش ئورۇنلىرىدىن قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ بېكىتىلمىگەن ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ دەرسلىكىنى نەشر قىلغان، باسقان، تارقاتقانلار ياكى مۇشۇ نىزامدىكى بەلگىلىمىدە بېكىتىلمىگەن ئورۇنلاردىن ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ دەرسلىكلىرىنى نەشر قىلغان، باسقان، تارقاتقانلار.
60 - ماددا تۆۋەندىكى قىلمىشلارنىڭ بىرىنى سادىر قىلغان بولسا، نەشرىياتچىلىق مەمۇرىي تارمىقى نەشر بۇيۇمى، قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتىنى مۇسادىرە قىلىدۇ، قانۇنغا خىلاپ تىجارەت سوممىسى 10 مىڭ يۈەندىن ئاشىدىغانلارغا قوشۇمچە قانۇنسىز تىجارەت سوممىسىنىڭ 5 ھەسسىسىدىن يۇقىرى، 10 ھەسسىسىدىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ، قانۇنسىز تىجارەت سوممىسى 10 مىڭ يۈەنگە يەتمىگەنلەرگە قوشۇمچە 10 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 50 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ، قىلمىشى ئېغىرلىرىنى بەلگىلەنگەن مۇددەتتە كەسپىنى توختىتىپ تەرتىپكە سېلىشقا بۇيرۇيدۇ ياكى ئەسلى ئىجازەتنامە تارقاتقان ئورگان ئىجازەتنامىنى بىكار قىلىدۇ:
(1) بېسىش ياكى كۆپەيتىش ئورۇنلىرىدىن بېسىش ياكى كۆپەيتىش ئىجازىتى ئالماي تۇرۇپ نەشر بۇيۇمى باسقان ياكى كۆپەيتكەنلەر؛
(2) بېسىش ياكى كۆپەيتىش ئورۇنلىرىدىن نەشر ئورنى بولمىغان ئورۇن ياكى شەخسنىڭ ھاۋالىسىنى قوبۇل قىلىپ نەشر بۇيۇمى باسقان ياكى كۆپەيتكەنلەر؛
(3) بېسىش ياكى كۆپەيتىش ئورۇنلىرىدىن قانۇندا بەلگىلەنگەن رەسمىيەتنى بېجىرمەي چېگرا سىرتى نەشر بۇيۇمىنى باسقان ياكى كۆپەيتكەنلەر، باسقان ياكى كۆپەيتكەن چېگرا سىرتى نەشر بۇيۇمىنىڭ ھەممىسىنى چېگرىدىن ئېلىپ چىقىپ كەتمىگەنلەر؛
(4) بېسىش ياكى كۆپەيتىش، تارقىتىش ئورنى ياكى شەخسلەردىن نەشر ئورنى نامى يېزىلمىغان نەشر بۇيۇمىنى تارقاتقانلار؛
(5) نەشر قىلىش، بېسىش، تارقىتىش ئورۇنلىرىدىن قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ بېكىتىلمىگەن ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ دەرسلىكىنى نەشر قىلغان، باسقان، تارقاتقانلار ياكى مۇشۇ نىزامدىكى بەلگىلىمىدە بېكىتىلمىگەن ئورۇنلاردىن ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ دەرسلىكلىرىنى نەشر قىلغان، باسقان، تارقاتقانلار.
62 - ماددا تۆۋەندىكى قىلمىشلارنىڭ بىرىنى سادىر قىلغانلارنى نەشرىياتچىلىق مەمۇرىي تارمىقى تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ، ئاگاھلاندۇرۇش بېرىدۇ، قىلمىشى ئېغىرلىرىنى بەلگىلەنگەن مۇددەت ئىچىدە تىجارىتىنى توختىتىپ تەرتىپكە سېلىشقا بۇيرۇيدۇ ياكى ئەسلى ئىجازەتنامە تارقاتقان ئورگان ئىجازەتنامىنى بىكار قىلىدۇ:
(1) نەشر ئورۇنلىرىدىن نامى، ئۇيۇشتۇرغۇچى ئورۇن ياكى مەسئۇل ئورگىنى، كەسىپ دائىرىسىنى ئۆزگەرتىش، قوشۇۋېلىش ياكى ئايرىلىش، يېڭى گېزىت، ژۇرنال نەشر قىلىش ياكى گېزىت، ژۇرنالنىڭ نامى، قەرەلىنى ئۆزگەرتىش، باشقا تۈرلەرنى ئۆزگەرتىشتە نەشرىياتچىلىق مەمۇرىي تارمىقىغا بېرىپ تەستىقلىتىش، تىزىم ئۆزگەرتىش رەسمىيىتىنى بېجىرىشتە مۇشۇ نىزامدىكى بەلگىلىمىگە ئەمەل قىلمىغانلار؛
(2) نەشر ئورۇنلىرىدىن يىللىق نەشر پىلانىنى دۆلەت خەۋپسىزلىكى، جەمئىيەت ئامانلىقى قاتارلىق جەھەتلەردىكى زور تېمىلارنى ئەنگە ئالدۇرمىغانلار؛
(3) نەشر ئورۇنلىرىدىن نەشر بۇيۇمى ئەۋرىشكىسى تاپشۇرۇشتا مۇشۇ نىزامدىكى بەلگىلىمىگە ئەمەل قىلمىغانلار؛
(4) بېسىش ياكى كۆپەيتىش ئورۇنلىرىدىن ماتېرىيال ساقلاپ قويۇشتا، مۇشۇ نىزامدىكى بەلگىلىمىگە ئەمەل قىلىمىغانلار؛
(5) نەشر بۇيۇمى ئىمپورت تىجارەت ئورۇنلىرىدىن ئۆزى ئىمپورت قىلىدىغان نەشر بۇيۇمى تىزىمىنى ئەنگە ئالدۇرۇشتا مۇشۇ نىزامدىكى بەلگىلىمىگە ئەمەل قىلمىغانلار؛
63 - ماددا تەستىقلاتماي تۇرۇپ چېگرا سىرتى نەشر بۇيۇملىرىنى كۆرگەزمە قىلغانلارنى نەشرىياتچىلىق مەمۇرىي تارمىقى قانۇنغا خىلاپ قىلمىشىنى توختىتىشقا بۇيرۇيدۇ، نەشر بۇيۇمى، قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتىنى مۇسادىرە قىلىدۇ، قىلمىشى ئېغىرلىرىنى بەلگىلەنگەن مۇددەتتە تىجارىتىنى توختىتىپ تەرتىپكە سېلىشقا بۇيرۇيدۇ ياكى ئەسلى ئىجازەتنامە تارقاتقان ئورگان ئىجازەتنامىنى بىكار قىلىدۇ.
64 - ماددا مۇشۇ نىزامنىڭ 26 -، 27 - ماددىلىرىدا مەنئى قىلىنغان مەزمۇن بار نەشر بۇيۇمى ياكى باشقا قانۇنسىز نەشر بۇيۇمىنى باسقان ياكى كۆپەيتكەن، توپ تارقاتقان، پارچە ساتقان، ئىجارە بەرگەن، تارقاتقانلار قانۇنسىز نەشر بۇيۇمىنىڭ مەنبەسىنى چۈشەندۈرۈپ، كۆرسىتىپ بەرگەندە، تەكشۈرگەندە راست بولۇپ چىقسا، نەشر بۇيۇمى، قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتى مۇسادىرە قىلىنىدۇ، باشقا مەمۇرىي جازالار يېنىكلىتىپ بېرىلسە ياكى جازا كەچۈرۈم قىلىنسا بولىدۇ.
65 - ماددا مۇشۇ نىزامغا خىلاپلىق قىلىپ، ئىجازەتنامىسىنى بىكار قىلىش مەمۇرىي جازاسى بېرىلگەنلىرى دۆلەتنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىسى بويىچە سودا - سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش تارمىقىغا بېرىپ تىزىم ئۆزگەرتىشى ياكى ئۆچۈرتكۈزۈشى كېرەك، مۆھلەت ئۆتكۈچە بېجىرمىسە، سودا - سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش تارمىقى تىجارەت كىنىشكىسىنى بىكار قىلىدۇ.
66 - ماددا مۇشۇ نىزامغا خىلاپلىق قىلىپ ئىجازەتنامىسىنى بىكار قىلىش مەمۇرىي جازاسى بېرىلگەنلىرىنىڭ قانۇندا بەلگىلەنگەن ۋەكىلى ياكى ئاساسىي مەسئۇلىنىڭ ئىجازەتنامە بىكار قىلىنغان كۈندىن باشلاپ 10 يىلغىچە نەشر قىلىش، بېسىش ياكى كۆپەيتىش، ئىمپورت قىلىش، تارقىتىش ئورنىنىڭ قانۇندا بەلگىلەنگەن ۋەكىلى ياكى ئاساسىي مەسئۇلى بولۇشىغا يول قويۇلمايدۇ.
67 - ماددا مۇشۇ نىزامدىكى بەلگىلىمە بويىچە جەرىمانە مەمۇرىي جازاسى بېرىشتە ئالاقىدار قانۇن، مەمۇرىي نىزامدىكى بەلگىلىمە بويىچە، جەرىمانە قاراراى چىقىرىش بىلەن جەرىمانە يىغىشنى ئايرىۋېتىش كېرەك؛ ئالغان جەرىمانە پۇلىنىڭ ھەممىسىنى دۆلەت خەزىنىسىگە تاپشۇرۇش شەرت.
سەككىزىنچى باب قوشۇمچە پرىنسىپ
68 - ماددا مەمۇرىي نىزاملاردا ئۈن - سىن بۇيۇمى نەشر قىلىش، كۆپەيتىش، ئىمپورت قىلىش، تارقىتىش توغرىسىدا ئايرىم بەلگىلىمە بولسا، شۇ بەلگىلىمە تەتبىقلىنىدۇ.
چېگرا سىرتىدىكى ئاپپارات ياكى شەخس تەقدىم قىلغان نەشر بۇيۇمىنى ئېلىشنى باشقۇرۇش چارىسى، زاكاز قىلغۇچىلارنىڭ چېگرا سىرتى نەشر بۇيۇمىنى زاكاز قىلىپ سېتىۋېلىشنى باشقۇرۇش چارىسى، ئالاقە تورىدا نەشر قىلىشنى باشقۇرۇش چارىسى ۋە ئېلېكترون نەشر بۇيۇمى نەشر قىلىشنى باشقۇرۇش چارىسىنى گوۋۇيۈەننىڭ نەشرىياتچىلىق مەمۇرىي تارمىقى مۇشۇ نىزامدىكى پرىنسىپ بويىچە ئايرىم تۈزۈپ چىقىدۇ.
69 - ماددا بۇ نىزام 2002 - يىلى 2 - ئاينىڭ 1 - كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ.