Uyghur主要词典
نەسەبنامە
مەنىداش سۆزلۈكلەر
بىرەر ئۇرۇق - ئەۋلاد، نەسەبنىڭ كېلىپ چىقىشى ۋە ئۆزئارا قېرىنداشلىق ئەھۋالىنى كۆرسىتىدىغان رويىخەت.
«جورۇڭقاي» قۇمۇل شېۋىسىدە قوللىنىلىدۇ.
شەجەر يېزىش بىر مىللەت، بىر ئۇرۇق ئۈچۈن ناھايىتى ئەھمىيەتكە ئىگە. قارا خانىلار خانلىرىنىڭ نەسەبنامىسى بار، ئەمما تولۇق ئەمەس.
قەدىمكى ئەسەرلەر
XKQ/997
بۇ ئەسەر نەسەبنامە ھەققىدىكى ئەسەر بولۇپ، ئاپتورى: موللا ئەرش (؟). ئەسەرنىڭ يېزىلغان يىل - دەۋرى: ھىجرىيە 1288 - يىلى. فورماتى: 19 × 12 سانتىمېتىر، 156 بەت. چاغاتايچە، قول يازما.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
بىرەر كىشىنىڭ كېلىپ چىقىش، نەسلى، ئۇرۇغ - ئەجدادى ھەققىدە يېزىلغان خاتىرە.
مەن ئائىلىمىزنىڭ نەسەبنامىسىنى يېزىپ قوياي دەۋاتىمەن.