Uyghur←Chinese主要词典
نەمرۇد
دۇنيا تارىخى
尼姆鲁
ní mǔ lǔ
ئاسسۇرىيە ئىمپرىيىسىنىڭ قەدىمكى پايتەختى. ئىراقنىڭ موسول دېگەن يېرىنىڭ جەنۇبىدىن 35 كىلومېتىر يېراقلىقتىكى دەجلە دەرياسىنىڭ شەرقىي قىرغىقىدا. قەدىمكى زاماندا كالاخ دەپ ئاتالغان. مىلادىدىن ئىلگىرىكى Ⅲ ⅢⅩ Ⅹ ئەسىردە، سالما ناسار Ⅰ قۇرغان، مىلادىدىن ئىلگىرىكى Ⅸ ئەسىردىن (ئاسسۇرناسىرپال Ⅱ) مىلادىدىن ئىلگىرىكى Ⅷ ئەسىرەىچە پايتەخت بولغان، نىنېۋې ئاسۇرىيىننىڭ پايتەختى بولغاندىن كېيىنمۇ يەنىلا مۇھىم شەھەر بولۇپ كەلگەن. مىلادىدىن 614 يىل ئىلگىرى مېدىيە ئارمىيىسى ئىشغال قىلىپ ۋەيران قىلىۋەتكەن. مىلادى 1845-يىلدىن باشلاپ كۆپ قېتىم قېزىلغان. ھازىر ئېنىق بولدىكى، پايتەختنىڭ ئەترپىدا مۇستەھكەم سېپىل بولغان، چوڭ دەرۋازىنىڭ ئوڭ تەرىپىگە مۇنارلىق بۇتخانا سېلىنغان، ئۇنىڭ جەنۇبىغا نىنولتا ئىلاھىي ئىبادەتخانىسى ۋە ئىستال ئىلاھى ئىبادەتخانىسى ھەمدە تارىختا ئۆتكەن پادىشاھلارنىڭ ئوردىلىرى سېلىنغان، شەھەرنىڭ مەركىزىگە ئىككى تۆت چاسا ئۇچلۇق مۇنار ۋە مەركىزىي ئوردا سېلىنغان، شەرقىي جەنۇبىي ئولتۇراق رايون بولغان. قېزىپ ئېلىنغان نەرسىلەر ئىچىدە قاناتلىق، يۈزى ھايۋاننىڭكىگە ئوخشايدىغان ئادەم ھەيكىلى، تاش ئويما؛ پىل چىشى ھۈنەر - سەنئەت بۇيۇملىرى، خانلىق تەخت ھۇلى ۋە پادىشاھلارنىڭ تۆھپىلىرى مەدھىيىلەنگەن مىخ يېزىقلىق تاش ئويما قاتارلىقلار بار. ئىران ئارخېئولوگىيە ئىدارىسى ئاسسۇرناسىرپال Ⅱ نىڭ غەربىي شىمال ئوردىسىنى ئەسلىگە كەلتۈرمەكتە.