Uyghur主要词典
نەمەت خەلپەت
ئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرى
شائىر نەمەت 1888 - يىلى تۇرپان ۋىلايىتىنىڭ لۈكچۈن يېزىسىدا بىر دېھقان ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. ئۇنىڭ ئاتىسى داۋۇت ئاخۇن لۈكچۈن ۋاڭىنىڭ ئوتاقچىسى بولۇپ، ئوغلى نەمەت خەلپەتنى كىچىك ۋاقتىدا خۇسۇسىي مەكتەپتە، 20 ياشقا كىرگەندە لۈكچۈن مەدرىسىدە ئوقوۋاتقان. نەمە خەلپەت مەدرىسىدە ئەرەب - پارس تىللىرىدىن باشقا، شەرق كلاسسىكلىرى ۋە ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ لۇتفى، نەۋائى، زەلىلى قاتارلىق ۋەكىللىرىنىڭ ئىجادى بىلەن تونۇشقان، شۇنداقلا، ئۆزىمۇ شېئىر يېزىشقا باشلىغان. ئېيتىشلارغا قارىغاندا، ئۇنىڭ ئىسمىنىڭ ئاخىرىدىكى «خەلپەت» دېگەن سۆز مەدرىسىدە تالىپلارغا خەلپەت (باشلىق) بولغان ۋاقتىدا سىڭىپ قالغان.
ئاتىسى ۋاپات بولغاندىن كېيىن، نەمەت خەلپەت مەدرىسىدىكى ئوقوشىنى توختىتىپ، مۇستەقىل تىرىكچىلىك يولىغا كىرگەن. ئۇ بىر تەرەپتىن دىنىي پائالىيەتلەر بىلەن شۇغۇللانسا؛ يەنە بىر تەرەپتىن لەتىپە ئېيتقان، شېئىر - قوشاق يېزىپ خەلق ئىچىگە تارقالغان.
1913 - يىلى نەمەت خەلپەت تۇرپاننىڭ مۇرتۇق يېزىسىغا كۆچۈپ كەلگەن . تۆمۈر خەلىپە قوزغىلىڭى مەغلۇبىيەتكە ئۇچرىغاندا ئۇ قاتتىق ئېچىنىپ، «ھەسرەت» نامىلىق شېئىرىنى يېزىپ باشقىلارغا ئوقۇپ بەرگەن. ئۇ ئەينى ۋاقىتتىكى تۇرپاننىڭ تونۇلغان ئەلنەغمچىلىرى ۋە شائىر ئابدۇخالىق ئۇيغۇر قاتارلىقلار بىلەن قۇيۇق بېرىش - كېلىش قىلغان، ئابدۇخالىقنىڭ «ئۇيغۇر» دەپ تەخەللۇس قويغانلىقىغا مەدھىيە ئوقوپ شېئىر يازغان.
1931 - يىلى قۇمۇلدا فېئودال مۇستەبىتلىككە قارشى دېھقانلار قوزغىلىڭى كۆتۈرۈلگەندە، نەمەت خەلپەت ئابدۇخالىق ئۇيغۇر بىلەن بىللە پائالىيەت ئېلىپ بارغان، شېئىرلار يېزىپ ئامما ئىچىگە تارقاتقان. ھەر جۈمە كۈنى ھەر قايسى مەسچىت، مەدرىسلەردە ۋەز ئېيتىپ، خەلقنى قوزغىلىشقا، ئىنقىلاب قىلىشقا دەۋەت قىلغان.
خۇجىنىياز ھاجى شىنجاڭ ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتكە مۇئاۋىن رەئىس بولۇپ ئۈرۈمچىگە كەلگەندىن كېيىن، 1935 - يىلى نەمەت خەلپەتنى ئۆلكىلىك بانكىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى قىلىپ تەيىنلىگەن. نەمەت خەلپەت 1935 - يىلى 1 - ئايدىن باشلاپ ئۇيغۇر تىلىدا چىققان « شىنجاڭ گېزىتى» دە ئۆز لەتىپە ۋە شېئىرلىرىنى ئېلان قىلىشقا باشلىغان. ئۇنىڭ 1936 - يىلى 18 - فېۋرالدا «شىنجاڭ ئۇيغۇر گېزىتى» نىڭ 4 - بېتىدە ئېلان قىلىنغان «جاھانگىرلىككە قارشى» ناملىق مۇخەممەسىدە خەلقنىڭ جاھانگىرلىككە قارشى كۈرەش ئىرادىسى، يېڭى مەدەنىيەتكە، تەرەققىياتقا بولغان كۈچلۈك ئارزۇسى، ئىنتىلىشى ئىپادىلەنگەن.
1937 - يىلى شېڭ شىسەي ئىلغار ئىدىيىدىكى كىشىلەرنى تۇتقۇن قىلغاندا نەمەت خەلپەتمۇ تۈرمىگە تاشلانغان. بۇ خىل ناھەقچىلىكلەرگە چىدىماي، غەزەپ ئوتىدا كۆيگەن شائىر تۈرمىدە بىر قانچە پارچە شېئىر يېزىپ ئۆز نازازىلىقى، غەزەپ - نەپرىتى ۋە ئىرادىسىنى ئىپادىلىگەن. ئۇ ئۈرۈمچى تۈرمىسىدە يازغان «ۋادەرىخ» (بۇ شېئىر «تۇرپان» ژۇرنىلىنىڭ 1982 - يىل 4 - سانىدا ئېلان قىلىنغان.) ناملىق شېئىرىدا:
«ياخشىلاردىن قالمىدى زىندانغا چۈشمەي بىر كىشى،
بۇ نىچۈك بى رەھىملىك، ئەي چەرخى گەردان، ۋادەرىخ.
ياخشىلارغا ھەمنەپەس بولساڭ ئەگەر زىنداندا سەن،
ھېچ كېرەك يوق، ئەيلىسەڭ جانىڭنى قۇربان، ۋادەرىخ.»
دەپ يازىدۇ.
شائىر نەمەت خەلپەت تۈرمىدە كۆپ قېتىم سوراق قىلىنىپ، قاتتىق قىيىن - قىستاقلارغا دۇچ كەلگەن بولسىمۇ، زادىلا باش ئەگمىگەن. ئۇ 1942 - يىلدىن 1944 - يىلى 6 - ئايىغىچە تۈرمىدە ئەخمەتجان قاسىمى بىلەن بىر كامېردا ياتقان. نەمەت خەلپەت سوراق جەريانىدا قاتتىق جاراھەتلىنىپ، نىمجان بولۇپ يېتىپ قالغاندا ئەخمەتجان قاسىمى ئۇنى ياخشى كۈتۈپ، ھالىدىن خەۋەر ئېلىپ تۇرغان. («گۈدۈك» )شىنجاڭ خەلق نەشىرىياتى،1982(،177 - بەت) نەمەت خەلپەت 1944 - يىلى تۈرمىدىن چىققان.
1946 - يىلى گومىنداڭ تەرەپ بىلەن ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابى ھۆكۈمىتى ئوتتۇرىسىدا 11 ماددىلىق بىتىم تۈزۈلگەندىن كېيىن ئەخمەتجان قاسىمى شىنجاڭ ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتكە مۇئاۋىن رەئىس بولۇپ ئۈرۈمچىگە كېلىدۇ. بۇ ئەھۋاللاردىن خەۋەر تاپقان شائىر نەمەت خەلپەت تۇرپان خەلقى نامىدىن ئەخمەتجان قاسىمىنى يوقلاپ ئۈرۈمچىگە چىقىدۇ ۋە «مانا كەلدىم» ناملىق شېئىرىنى گېزىتتە ئېلان قىلىدۇ. كۆپ ئۆتمەي 11 ماددىلىق بىتىم گومىنداڭ تەرىپىدىن بۇزۇلغاندىن كېيىن، ئەخمەتجان قاسىمى باشلىق ئۈچ ۋىلايەت ۋەكىللىرى ئىلىغا قايتىدۇ. نەمەت خەلپەتمۇ ئەخمەتجان قاسىمىنىڭ تەكلىپى بىلەن ئىلىغا بارىدۇ ۋە غۇلجىدا تۇرۇپ تۇرپان شىركىتىنىڭ خىزمەتلىرىگە ياردەملىشىدۇ، «يەتتە ۋىلايەت خەلقچىل تەشكىلاتى» نىڭ مەسئۇلى بولۇپ ئىشلەيدۇ. 1948 - يىلى قۇرۇلغان «شىنجاڭدا تىنچلىق ۋە خەلقچىللىقنى ھىمايە قىلىش ئىتتىپاقى» نىڭ ھەيئەت ئەزاسى بولۇپ سايلىنىدۇ. نەمەت خەلپەت غۇلجىدا تۇرغان مەزگىللىرىدە ئۆز زىممىسىدىكى خىزمەتلەرنى بىجاندىل ئىشلەشتىن سىرت يەنە شېئىر ئىجادىيىتى بىلەنمۇ شۇغۇللىنىدۇ. ئۇ 1949 - يىل 7 - ئايدا يازغان «بولماس» ناملىق غەزىلىدە بىر ئىنقىلابچى سۈپىتى بىلەن يولداشلىرىغا مۇنداق خىتاب قىلىدۇ:
«زېمىستان ئۆتمىگۈنچە جۇ چىقىپ، ھەرگىز باھار بولماس،
قاراتۇن كەتمىگۈنچە كۈن چىقىپ روشەن ناھار بولماس.
تەلۇغ قىلدى ھەقىقەت ئاپتابى نۇرىنى چېچىپ،
بۇلۇت ياپقان بىلەن بۇ ئاپتاپ ھەرگىز غۇبار بولماس.
قاراڭ بۈگۈن جىمى خەلقىم ئەجەب ئويغاندى غەپلەتتىن،
كەمى زۇلۇم تورىغا بۇ كۈندىن سۇڭ چۈشەر بولماس.
غەنىيمەت ۋاقتى پۇرسەتتۇر ۋەتەنپەرۋەر بۇرادەدرلەر،
ۋەتەنگە ئەيلىگەن ھەر خىزمىتىڭ ھەرگىز بىكار بولماس.
شائىر نەمەت خەلپەت (كەمى) شىنجاڭ تىنچىلىق بىلەن ئازاد بولغان كۈنلەردە چەكسىز خۇشاللىق ئىچىدە يەنە بىر تۈركۈم غەزەللەرنى يازدى. ئۇنىڭ غەزەللىرى ۋە ماقالە، نۇتۇقلىرى ئازادلىقنىڭ دەسلەپكى يىللىرىدا گېزىتلەردە ئېلان قىلىنىدى.
خەلقپەرۋەر، ۋەتەنپەرۋەر شائىر 50 - يىللاردىلا مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ دائىمىي ھەيئىتى بولۇپ سايلانغان، 1955 - يىلدىن باشلاپ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ ھەيئەت ئەزاسى ۋە تۇرپان ناھىيىلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى بولۇپ ئىشلىگەنىدى.
شائىر نەمەت خەلپەت ئېغىر قان بېسىمى كېسىلگە مۇپتىلا بولۇپ، داۋالاش ئۈنۈم بەرمەي، 1962 - يىلى 74 يېشىدا ئۈرۈمچىدە ۋاپات بولدى. مەرھۇمنىڭ ئەينى يىللاردا گېزىت، ژۇرناللاردا بېسىلغان بىر قىسىم شېئىرىلىرى 1982 - يىلى شىنجاڭ خەلق نەشىرىياتى نەشىر قىلغان «گۈدۈك» ناملىق توپلامغا كىرگۈزۈلدى.
ئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرى
نەمەت خەلپەت (كەمى) 1888 - يىلى ھازىرقى پىچان ناھىيىسىنىڭ لۆكچۈن رايونىدا دېھقان ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. ئائىلە تەربىيىسىنى ئالغاندىن كېيىن، لۆكچۈندىكى مەدرىستە ئەلا ئوقۇپ، 20 يېشىدىلا شۇ مەدرىستە خەلپەت (ئوقۇتقۇچى) بولغان.
نەمەت خەلىپەت كىچىكىدىنلا زېرەك، تېتىك ۋە ئىشچان بولۇپ، ئوقۇش جەريانىدا پارىس، ئەرەب، تۈركىي تىللارنى پىششىق ئۆگەنگەن.
شائىر نەمەت خەلىپەت بىر تەرەپتىن ئوقۇتقۇچىلىق قىلىسا، يەنە بىر تەرەپتىن، خەلق تۇرمۇشىنى ئۆگىنىدۇ. ئۇ زالىم ئەمەلدارلارنىڭ، ۋاڭ - بەگلەرنىڭ ۋە باشقا يۇقىرى تەبىقىلەرنىڭ ئەيش - ئىشرەتلىك چىرىك تۇرمۇشىدىن، ئۇلارنىڭ ئاچكۆزلۈكىدىن، زالىملىقىدىن قاتتىق نەپرەتلىنىدۇ - دە، ھايات ۋە جەمئىيەتنى چۈشىنىشكە باشلايدۇ. ئىجتىمائىي تۇرمۇش رېئاللىقى ئۇنىڭدا ئازادلىق، ئەركىنلىك ۋە دېموكراتىيە ئارزۇسىنى ئارزۇسىنى قوزغايدۇ. قەلەمنى قورال قىلىپ، زالىم ئەمەلدارلار، جاھىل روھانىلارنى پاش قىلىپ، كونىلىق، مۇستەبىتلىك، خۇراپىي نادانلىق، تەقدىرچىلىكنى سۆكىدىغان كۆپلىگەن شېئىر، قوشاق، لەتىپىلەرنى يېزىپ خەلقىنى ئويغىتىدۇ.
1912 - يىلى تۇرپاندا، 1931 - يىلى قۇمۇلدا دېھقانلار قوزغىلاڭلىرى كۆتۈرۈلگەندە، نەمەت خەلىپەت <بارىكاللا> دېگەن داستاننى يېزىپ، دېھقانلار قوزغىلىڭىنى مەدھىيلىگەن. خەلق ئاممىسىنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشكەن <بارىكاللا> داستانى توي - تۆكۈن، بەزمە - مەشرەپلەردە ئېغىزدىن - ئېغىزغا كۆچۈپ يادلىنىدۇ. 1931 - يىلى 9 - ئاينىڭ 6 - كۈنى ياڭ زېڭشىن تۆمۈر خەلىپە بىلەن تۇرپان قوزغىلاڭچىلىرىنىڭ رەھبەرلىرىدىن مۇيدىن ئاخۇنۇمنى پاجىئەلىك ئۆلتۈرۈپ، قوزغىلاڭنى مەغلۇبىيەتكە ئۇچرىدىتىدۇ. بۇ قوزغىلاڭلار مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن، شائىر نەمەت خەلىپەت <پۇشايمان>، <ھەسرەت> ناملىق شېئىرلارنى يېزىش بىلەن قوزغىلاڭچىلارغا تەزىيە بىلدۈرۈپ مەرسىيە ئوقۇيدۇ. ئىنقىلابىي خەلقنى داۋاملىق ئىنقىلاب قىلىشقا دالالەت قىلىدۇ.
1930 - يىللارنىڭ باشلىرىدا، تۇرپان دېھقانلىرىنىڭ قوزغىلىڭىنىڭ ھازىرلىقى بولىدۇ. بۇ چاغدا، نەمەت خەلىپەت مەسچىت - مەدرىسلەردە، خەلق سورۇنلىرىدا تەشۋىقاتچىلىق قىلىدۇ.
1931 - يىلى قۇمۇل دېھقانلىرى خوجىنىياز ھاجى باشچىلىقىدا قوراللىق قوزغىلاڭ كۆتۈرگەندە نەمەت خەلىپەت، خوجىنىياز ھاجىغا مەسئۇل كاتىپ ۋە مەسلىھەتچى بولىدۇ. 1937 - يىلدىن 1944 - يىلغىچە شېڭ شىسەي تۈرمىسىدە ياتىدۇ. 1947 - يىلى گومىنداڭنىڭ چىدىماسلىق قىلىشى بىلەن 11 ماددىلىق بېتىم بۇزۇلغاندا، نەمەت خەلىپەت ئەخمەتجان قاسىمىنىڭ تەكلىپى بىلەن ئىلىغا بارىدۇ. ئۇ، 1948 - يىلى قۇرۇلغان شىنجاڭدا تىنچلىق ۋە خەلقچىلىقنى ھىمايە قىلىش ئىتتىپاقىنىڭ ھەيئەت ئەزاسى بولۇپ سايلىنىدۇ.
شائىر نەمەت خەلىپەت ئازادلىقتىن كېيىن پارتىيە، ھۆكۈمەت ۋە خەلقنىڭ ئالاھىدە قەدىرلىشىگە مۇيەسسەر بولۇپ، 1962 - يىلى كېسەل بىلەن قازا قىلغانغا قەدەر ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ ھەيئەت ئەزاسى بولۇپ ئىشلىدى.
شائىر نەمەت خەلىپەتنىڭ ئازادلىقتىن ئىلگىرىكى ئەسەرلىرى شېڭ شىسەي قولىدا نابۇت بولغان بولسا، ئازادلىقتىن كېيىن يازغانلىرى مەدەنىيەت ئىنقىلابىدا ۋەيران بولدى. ھازىر قولىمىزدا ئۇنىڭ 1947 - يىلدىن ئازادلىققىچە بولغان ئارىلىقتا ئىلىدا يېزىپ، ھەرقايسى مەتبۇئاتلاردا ئېلان قىلغان بىر قىسىم شېئىرلىرى بار. ئۇنىڭ كۆپلىگەن لەتىپە، يۇمۇر، چاقچاقلىرى خەلق ئارىسىغا تارالغان. بىز شائىر تۇغۇلغانلىقىغا 108 يىل توشۇۋاتقان مۇشۇ كۈنلەردە، شائىرنىڭ ھاياتى ۋە ئىجادىي پائالىيىتىنى تەتقىق قىلىشقا ئەرزىيدۇ دەپ تونۇيمىز.