Chinese→Uyghur主要词典
内图
دۇنيا تارىخى
نېتو
(1922 - 1979) ئانگولا خەلق جۇمھۇرىيىتى زۇڭتۇڭى (1975 - 1979). ئانگولا خەلق ئازادلىق ھەرىكىتى - ئەمگەكچىلەر پارتىيىسىنىڭ رەئىسى. شائىر. 1944 - 1947-يىللىرى روئاندادا پورتۇگالىيە مۇستەملىكىچى دائىلىرى جامائەت سەھىيە تارمىقىدا خىزمەت قىلغان. لېسابون ئۇنىۋېرسىتېتى، كوئىمېرا ئۇنىۋېرسىتېتى ۋە پورتو ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇغان. 1958-يىلى ئۇنىۋېرسىتېتنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن تىبابەتچىلىك قىلغان. 1952 - 1962-يىللىرى سىياسىي پائالىيەتلەر بىلەن شۇغۇللانغانلىقى ئۈچۈن كۆپ قېتىم تۈرمىگە تاشلانغان. 1962-يىلى 7-ئايدا تۈرمىدىن قېچىپ ماراكەشكە بېرىپ، ئۇ يەردىن كونگونىڭ لېئوپولدۋىل (ھازىرقى كىنشاسا) دېگەن يېرىگە بېرىپ قالغان. شۇ يىلى 12-ئايدا ئانگولا خەلق ئازادلىق ھەرىكىتىنىڭ رەئىسى ۋە يېتەكچىلىك كومىتېتى ھەمدە ھەربىي - مەمۇرىي كومىتېتىنىڭ رەئىسى بولۇپ، پورتۇگالىيىگە قارشى قوراللىق كۈرەشكە يېتەكچىلىك قىلغان. 1975-يىلى ئانگولا مۇستەقىل بولغاندا، زۇڭتۇڭ بولغان. 197-يىلى ئانگولا خەلق ئازادلىق ھەرىكىتى دېگەن نام ئانگولا خەلق ئازادلىق ھەرىكىت ئەمگەك پارتىيىسى دەپ ئۆزگەرتىلگەندە، رەئىس بولغان. 1979-يىلى سوۋېت ئىتتىپاقىدا كېسەل بىلەن ۋاپات بولغان. جۇڭگونى ئىككى قېتىم زىيارەت قىلغان