Chinese→Uyghur主要词典
内分泌系统
بىئولوگىيە
ئىچكى ئاجرىتىش سىستېمىسى
ھايۋان تېنىدىكى ھەرخىل <ئىچكى ئاجرىتىش بەزلىرى> بىرلىكتە تەشكىل قىلغان سىستېما. ئىچكى ئاجرىتىش بەزلىرىنىڭ نەيچە - قاناللىرى بولمايدۇ، شۇڭا ئۇ <نەيچىسىز بەزلەر> دەپ ئاتىلىدۇ. ئۇلار شۆلگەي بېزى، تەر بېزى قاتارلىقلارغا ئوخشىمايدۇ. بۇنداق كېيىنكى بىر خىل بەزلەرنىڭ ئاجرالمىلىرىنى توشۇيدىغان نەيچىلىرى بولۇپ ئالاھىدە قىلىپ <تاشقى ئاجرىتىش بەزلىرى> ياكى <نەيچىلىك بەزلەر> دەپ ئاتالغان. ئىچكى ئاجرىتىش بەزلىرى ئاجرىتىپ چىقارغان ماددىلار يەنى <گورمونلار> قان سۇيۇقلۇقىغا بىۋاسىتە كىرىپ، قان ئايلىنىشىغا ئەگىشىپ بەدەننىڭ ھەرقايسى قىسىملىرىغا بېرىپ بەلگىلىك ئورگان ياكى توقۇلمىدا ئۆز رولىنى جارى قىلدۇرىدۇ. شۇ ئارقىلىق ئېندىۋىدنىڭ مېتابولىزم، ئۆسۈش، يېتىلىش، كۆپىيىش، ھەم باشقا فىزىئولوگىيىلىك فۇنكسىيىلىرىنى تەڭشەيدۇ. ئىچكى ئاجرىتىش سىستېمىسىنىڭ خىزمىتى ئىنتايىن مۇرەككەپ، لېكىن يەنىلا نېرۋا سىستېمىسى، بولۇپمۇ ئالىي مەركەزنىڭ كونتروللۇقىدا (تىزگىنلىشىدە) بولىدۇ. ئەگەر مەركىزىي نېرۋىدا كاشىلا پەيدا بولسا، ئىچكى ئاجرىتىش سىستېمىسىدا قالايمىقانچىلىق يۈز بېرىپ ھايۋاننىڭ نورمال ھاياتىغا تەسىر يېتىدۇ. ئوخشىمىغان تۈردىكى ئومۇرتقىلىق ھايۋانلارنىڭ ئوخشاش بىر خىل ئىچكى ئاجرىتىش بېزى ئاجرىتىپ چىقارغان گورموننىڭ مىقدارى پەرقلىق بولۇشى مۇمكىن، لېكىن سۈپىتىدە پەرق بولمايدۇ. شۇڭا بىر ھايۋاننىڭ ئىچكى ئاجرىتىش بېزىدىن ئاجرىتىپ ئېلىپ ئىشلەنگەن گورمون باشقا تۈردىكى ھايۋانلارغىمۇ ئوخشاش ئۈنۈم كۆرسىتەلەيدۇ.
ئادەم ئاناتومىيىسى
nèi fēn mì xì tǒng
ئىچكى ئاجىراتما سىستېمىسىDئۇنىۋېرسال
nèi fēn mì xì tǒng
ئىچكى ئاجراتما سىستېمىسىDتېببىي
nèi fēn mì xì tǒng
ئىچكى ئاجراتما سىستېمىسى، ئىچكى سېكرېتسىيە سىستېمىسىDباغۋەنچىلىك
nèi fēn mì xì tǒng
ئىچكى ئاجراتما سىستېمىسىDتەنتەربىيە
nèi fēn mì xì tǒng
ئىچكى ئاجراتما سىستېمىسى