Chinese→Uyghur主要词典
内分泌
خىمىيە
nèi fēn mì
ئىچكى سېكرېتسىيە ، ئىچكى ئاجرىتىشDئۇنىۋېرسال
nèi fēn mì
ئىچكى ئاجراتما، ئىچكى سېكرېتسىيەDقانۇن
nèi fēn mì
ئىچكى ئاجراتماDباغۋەنچىلىك
nèi fēn mì
ئىچكى سۇيۇقلۇق ئاجرىتىشDئادەم ئاناتومىيىسى
nèi fēn mì
ئىچكى ئاجىراتماDتېببىي
nèi fēn mì
ئىچكى ئاجراتما، ئىچكى سېكرېتسىيە
بىئولوگىيە
ئىچكى ئاجرىتىش
بەز تەنچىسىنىڭ ئۆتكۈزگۈچ نەيچىسى يوق بەزلەر ئاجراتقان ماددىلىرىنىڭ قان سۇيۇقلۇقىغا بىۋاسىتە كىرىپ، قان ئارقىلىق توشۇلۇپ ئالاھىدە بەلگىلەنگەن ئورگان ياكى توقۇلما ھۈجەيرىلىرىدە ئۆز رولىنى جارى قىلىشنىڭ بىر پۈتۈن جەريانى. كۆپ ساندىكى ئومۇرتقىسىز ھايۋانلارنىڭ ئىچكى ئاجرىتىشى نېرۋا ھۈجەيرىلىرىگە بىرلىشىپ نېرۋا ئىچكى ئاجرىتىش ئورگىنى ئايلانغان. مەسىلەن، ياپىلاق قۇرتلارنىڭ نېرۋا تۈگۈنىدىكى نېرۋا ھۈجەيرىسى، بوغۇم تەنلىك ھايۋانلارنىڭ نېرۋا ھۈجەيرىسى قاتارلىقلار. بۇ ھۈجەيرىلەردە سىنتېزلانغان گورمونلار ئوق ئۆسۈكچىسىنى بويلاپ نېرۋا ئاخىرقى ئۇچلىرىغا توشۇپ بېرىلىپ زاپاس ساقلىنىدۇ. نېرۋا ئاخىرقى ئۇچلىرى كاپىلليار تومۇرلىرىغا بىۋاسىتە ئۇچرىشىدىغان بولغاچقا نېرۋا غىدىقلىنىشى ئاخىرقى ئۇچقا يېتىپ كەلگەندە گورمونلارنىڭ قويۇپ بېرىلىشىگە تۈرتكلىك قىلىپ ئۇنى قانغا چىقىرىدۇ ھەم ئالاھىدە بەلگىلەنگەن ئورۇندا ئۆز رولىنى جارى قىلدۇرىدۇ. نىسبەتەن يۇقىرى دەرىجىلىكرەك ئومۇرتقىسىز ھايۋانلار مەسىلەن، مولليۇسكلار، بوغۇم پۇتلۇق ھايۋانلاردا بولسا، مۇستەقىل ئىچكى ئاجرىتىش بەزلىرى پەيدا بولغان، مەسىلەن، ھاشاراتلارنىڭ تېنىدە مېڭە نېرۋا ھۈجەيرىلىرى ئاجراتقان مېڭە گورمونىدىن باشقا يەنە بەزلەر ئاجراتقان گورمونلىرى بولىدۇ. مەسىلەن، ياشارتىش گورمونى، تۈلەش (تېرە تاشلاش) گورمونى ئېكدىسون قاتارلىقلار ھاشاراتلارنىڭ ئۆسۈش، يېتىلىشىنى تەڭشەيدۇ. تەرەققىي قىلىپ ئورمۇتقىلىق ھايۋانلارغا كەلگەندە ئىچكى ئاجرىتىش بەزلىرى بارغانسېرى كۆپەيدى ھەم بارغانسېرى مۇرەككەپلەشتى. يۇقىرى دەرىجىلىك ئومۇرتقىلىق ھايۋانلار ۋە ئىنسانلارنىڭ ئىچكى ئاجرىتىش بەزلىرىگە كەلگەندە گىپوفىز، لانگېرگانس ئارالچىلىرى، قالقان بېزى، قالقان يان بېزى، بۆرەك ئۈستى بېزى ۋە جىنسىي بەز قاتارلىقلار شەكىللەنگەن، بۇ بەزلەر ئاجراتقان گورمونلار بەدەندىكى مېتابولىزم، ئۆسۈش، يېتىلىش، كۆپىيىش ۋە ھەرىكەتلىنىش قاتارلىق ھەر خىل فىزىئولوگىيىلىك پائالىيەتلەرنى تەڭشەيدۇ، لېكىن ئىچكى ئاجرىتىش بەزلىرى نېرۋا سىستېمىسى بىلەن بولغان زىچ مۇناسىۋىتىنى يەنىلا ساقلاپ نېرۋا سىستېمىسى بىلەن بىللە ئورگانىزمنىڭ بىرلىككە كەلگەن بىر تەڭشەش سىستېمىسىنى تۈزىدۇ.