Uyghur主要词典
نەھرەۋان ئۇرۇشى
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
ئىسلام دىنى گۈللەنگەن دەسلەپكى چاغلاردا مۇسۇلمانلار ئوتتۇرىسىدا بولغان ئۇرۇشلارنىڭ بىرى. 657 - يىلىدىكى <سىففىن ئۇرۇش> دا ھەزرىتى ئەلى مۇئاۋىيەنىڭ <قۇرئان كەرىم> گە ئاساسەن ھۆكۈم چىقىرىش توغرىسىدىكى تەلىپىنى قوبۇل قىلغانلىقتىن تەمىم جەمەتىدىكى بىر قىسىم ئادەم نارازى بولۇپ، خاۋارىجلار بولۇپ ئۇيۇشۇپ ھەزرىتى ئەلى بىلەن دۈشمەنلەشتى. ئىككىنچى يىلى ھەزرىتى ئەلى قوشۇن باشلاپ كېلىپ، ئۇلارنى باستۇردى. بۇ ئۇرۇش نەھرەۋاندا (ئىراق چېگرىسى ئىچىدە) بولغانلىقتىن <نەھرەۋان ئۇرۇشى> دەپ ئاتالدى.