Uyghur主要词典
نەغمە
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
ئاھاڭ، كۈي، مۇزىكا:
ئەرەنلەر ئىشى قارچۇغە قۇشلاماق،
قايۇ مەغزىكى، سۆزلەر نەغزى بولسە.
ناقىس.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
سەنئەتنىڭ بىر تۈرى، چالغۇ ئەسۋابلىرى بىلەن ئورۇنلانغان كۈي.
نەغمە دىل ئوزۇقى. نەغمىسى يوق توي، مورىسى يوق ئۆي. ناۋا بولمىغان يەردە راھەت يوق. مۇزىكا جەمئىيەتنىڭ مەھسۇلاتى، شۇنداقلا ئەمگەكچى خەلقنىڭ قەلب ساداسى.
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
كۈي، ئاھاڭ، مۇقام، تاۋۇش؛ سايراش، قۇش - تورغايلارنىڭ نەغمىلىرى، سايراشلىرى.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
چالغۇ ئەسۋابلىرىنى چېلىشتىن چىققان ئاھاڭلىق، رېتىملىك كۈي.
سازىغا قاراپ ئۇسسۇلى. ئۆلۈمنىڭ يىغىسى بار، توينىڭ نەغمىسى. قۇشلار ناۋا قىلىدۇ، كۆڭۈلنى خۇش ئېتىدۇ. ئۆيدە گەپ - سۆزنىڭ بولماسلىقى _ تويدا ساز - نەغمىنىڭ بولماسلىقى.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ئەرەبچە
چالغۇ ئەسۋابلىرى بىلەن ئىجرا قىلىنغان ئاھاڭ.
ئۆي ئىچىدىن توختىماي نەغمە ئاۋازى ئاڭلىنىپ تۇراتتى.