Uyghur主要词典
نەفىس
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
نازۇك؛ لەتىپ.
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
ئۆز، شەخىس، كىشى، ئادەم؛ كىشىلىك قەدىر - قىممىتى، ئىززىتى، ئىنسانلىق؛ ماھىيەت، جەۋھەر، مايە، زات، ئەسل؛ كۆڭۈل، مىجەز، زورق، ھەۋەس؛ جان، روھ، تىرىكلىك؛ نەفس ئەمارە - كۆڭۈلدە بۇزۇقلۇققا تارتىپ تۇرغان شەيتان، شەھۋەت؛ خىلاپ نەفس - ئۆز ھىسىياتىغا خىلاپ؛ نەفس پەرەست - شەھۋەتپەرەس، خوتۇنپەرەس؛ شەخسىيەتچى؛ نەفسۇ ھاۋا - نەپىس ۋە مەرتىۋە ئارزۇسى.
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
نازۇك، گۈزەل، ئىنچىكە؛ سانايىئ نەفىسە - رەسىم، ھەيكەل ۋە مۇزىكىغا ئوخشاش ئىنچىكە ھۈنەرلەر،گۈزەل ۋە قىممەتلىك سەنئەتلەر.