Uyghur主要词典
نە
مەنىداش سۆزلۈكلەر
سۇئال ئالماشلىرى: «قايسى يەر، نەيەر» دىن قىسقارغان سۆزلەر.
ئەجەل - ئۆلۈم قەيەردە يوق؟ قاياققا بارساڭمۇ قازاننىڭ قۇلىقى تۆت. ھەق قايان، مەن شۇ يان. ياشلىقنىڭ نەدە قالغانلىقىنى قېرى چال بىلەر. نەنىڭ سۈيىنى ئىچسەڭ، شۇ يەرنىڭ ئادىتىگە كىر.
- نەگە بارساڭ، شۇ يەرنىڭ ناخشىسىنى ئېيت.
شىۋىلەر
خوتەن شىۋىسى
ئۇچار - قاناتلارنىڭ ئەركىكى (كۆپىنچە كەپتەرگە ئىشلىتىلىدۇ).
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
نە ~ نېمە.
نە تېرسەن _ نېمە دەيسەن.
3 - 296
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
ئەرەپ تىلىدىكى ئەجەبلىنىشنى بىلدۈرىدىغان «ما _ ما» نىڭ ئورنىداكېلىدىغان قوشۇمچە. نەمە ئەزگۈ كىشى ئول _ نېمىدېگەن ياخشى كىشى ئۇ. باشقىلاردىمۇ شۇنداق. نەمە ياۋۇز نەڭ ئول بۇ _ نېمىدېگەن ياۋۇز نەرسە بۇ.
3 - 296
قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى سۆزلۈكلىرى
قايسى، نېمە، قانداق
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئالماش
يېزت. نېمە.
نە چارە.
بۇندا مەن چىن يارنى تاپتىم، ئۆزگە جانان نە كېرەك.
جان ت. قەيەر.
- ئاغرىپ قالغىنىڭنىغۇ بىلدىم، - دېدى دوختۇر كۈلۈپ قويۇپ،- نەرىڭ ئاغرىيدۇ دەۋاتىمەن.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
باغلانما
پارىسچە
جۈملىدىكى تەڭداش بۆلەكلەرنى ياكى قوشما جۈملىلەرنى (ئاساسەن شېئىردا مىسرانىڭ بېشىدا كېلىپ شۇ مىسرا بىلەن باشتىكى مىسرانى باغلاپ، ئىنكار مەنىسىنى بىلدۈرىدۇ).
شىرمەتكە نە راۋاب، نە نەي چالىدىغان پۇرسەت شۇنىڭ بىلەن تۈگىدى.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
دىئال. ئۇچار قاناتلارنىڭ ئەركىكى، ئەركەك ئۇچار قانات.