Uyghur主要词典
نىڭبو قەدىمىي مەسچىتى
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
بۇ جۇڭگودىكى مەسچىت بولۇپ، ئورنى جېجياڭ ئۆلكىسىنىڭ نىڭبو شەھىرىدىكى كونا شەھەر يۆخۇنىڭ غەربىدە. بۇ مەسچىت 1265 - يىلىدىن 1274 - يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتا سېلىنغان دېيىلىدۇ. بۇ مەسچىت دەسلەپ شىزىچاۋ كۆۋرۈكىنىڭ شىمالىغا سېلىنغان. يۈەن سۇلالىسى دەۋرىدە خەييۇنسونىڭ جەنۇبىغا سېلىنغان، 1699 - يىلىدىن كېيىن ھازىرقى ئورۇنغا سېلىنغان. 1776 -، 1814 -، 1832 -، 1872 - يىللىرى ۋە مىنگونىڭ دەسلەپكى يىللىرى رېمونت قىلىنغان. كېڭەيتىپ ياسالغان. ئىگىلىگەن يەر كۆلىمى 1300 كۋادرات مېتىرغا يېتىدۇ. بۇ مەسچىتتە دەرۋازا، مىئزەنە، مۇستەھەپخانا، دەرسخانا، خانىقا قاتارلىق ئىمارەتلەر بار. دەرۋازا ئۈستىدە ئۈچ ئېغىزلىق ئۆي بولۇپ، ئۇنىڭ ئۈستىگە مىئزەنە سېلىنغان. بۇلاردىن باشقا شالاسۇنلۇق دەرۋازا، ھويلا تېمى، ئەگمە دەرۋازا، يان ئىشىك، كارىدور، زىننەتلەنگەن تام، كۆل قاتارلىق قوشۇمچە قۇرۇلۇشلىرى بار. خەنزۇچە، ئەرەبچە خەت يېزىلغان نەچچە ئون مىڭ تاختاي ساقلانغان.