Uyghur主要词典
نائۇسون ئۇيۇشمىسى
دۇنيا تارىخى
ياپونىيىدىكى ئوڭ قانات تەشكىلات 1919-يىلى قۇرۇلغان. ئۇنىڭ ئاساسلىق ئەربابلىرى خاكۇچى تېرو، ئۆكاۋاكانىياكى، ئورگان ژۇرنىلى <ئۇلۇغ چاقىرىق>. بۇ تەشكىلات ياپونىيە ئىمپېرىيىسىنى ئۆزگەرتىشنى تەرغىپ قىلىپ، چوڭ ئاسىياچىلىقنى ماختاپ كۆككە كۆتۈرگەن ھەمدە خاكۇچى تېرونىڭ <ياپونىيىنى ئىسلاھ قىلىش قانۇن لايىھىسى پروگراممىسى> نى مەركەز قىلغان ھالدا فاشىستىك تەشۋىقات پائالىيىتىنى پائال تۈردە يولغا قويغان. كېيىن خاكۇچى تېرو بىلەن ئۆكاۋاكانىياكې زىددىيىتى تۈپەيلىدىن 1923-يىلى بۇ تەشكىلات تارقاپ كېتىپ، يڭكىجى ئۇيۇشمىسى، تائېكا جەمئىيىتى، ئويۇكى ئۇيۇشمىسى، خاكۇرو جەمئىيىتىدىن ئىبارەت نۇرغۇنلىغان فاشىستىك تەشكىلاتلارغا بۆلۈنۈپ كەتكەن.