Uyghur←Chinese主要词典
نائۇمېۋىكىلىخارتىس
دۇنيا تارىخى
纳鸟姆.韦奇尔哈尔吉
nà niǎo mǔ .wéi qí ěr hā ěr jí
(1797 - 1850) ⅨⅩ ئەسىردىكى ئالبانىيە مىللىي ئازادلىق ھەرىكىتىنىڭ تەشەببۇسچىلىرىدىن بىرى. ۋىسكۈچتا تۇغۇلغان. ياش ۋاقتىدا رۇمىنىيىگە بارغان. 1821-يىلى رۇمىنىيىنىڭ تۈركىيىگە قارشى ئازادلىق كۈرىشىگە قاتناشقان. 40-يىللاردىن باشلاپ ئالبانىيە خەلقى ئارىسىدا مائارىپ ۋە مەدەنىيەتنى ئومۇملاشتۇرۇش يولىدا مەرىپەتچىلىك ھەرىكىتىنى قوزغىغان. <تەربىيە كۆرمىگەن مىللەت - قۇل مىللەت ھېسابلىنىدۇ> ۋە <مائارىپنى ئۆز دۆلىتىنىڭ تىلى ئارقىلىقلا ئىگىلەش لازىم> دېگەن كۆز قاراشنى چىقىش نۇقتىسى قىلىپ، ئۆزى تۈزگەن بىر يۈرۈش ئالاھىدە ھەرب بىلەن ئالبانىيە تىلىدىكى دەرسلىك كىتابنى يېزىپ چىققان. 1844-يىلى رۇمىنىيىدە ئالبانىيە تىلىدىكى ئوقۇتۇش قوللانمىسى <ئىۋاىتال> نى نەشر قىلدۇرۇپ، ئالبانىيىنىڭ جەنۇبىي قىسمىدا كەڭ تارقىتىپ، ئۆز دۆلەت تىلى بىلەن مائارىپنى ئومۇملاشتۇرۇش ھەرىكىتىنى قوزغىغان. بۇ، ئالبانىيە مىللىي ئويغىنىش ھەرىكىتىنىڭ باشلىنىشى بولۇپ قالغان.