Uyghur←Chinese主要词典
نائۇكراتىس
دۇنيا تارىخى
诺克拉提斯
nuò kè lā tí sī
قەدىمكى مىسىر شەھىرى. نىل دەرياسى دېلتىسىنىڭ غەربىدىكى سېيىس ئايمىقىدا. مىلادىدىن ئىلگىرىكى Ⅶ ئەسىردە كىچىك ئاسىيادىكى گرېكلار شەھىرى مىلېتوس بەرپا قىلغان مۇستەملىكە، روشەن يۇنان ئۇسلۇبىغا ئىگە. كېيىن تەرەققىي قىلىپ مۇھىم سودا - سانائەت مەركىزىگە ئايلىنىپ، مىسىر بىلەن يۇناننىڭ ئىقتىسادىي، مەدەنىيەت ئالاقىسىدە رول ئوينىغان. پىتولېمېي سۇلالىسى دەۋرىدە ئۆي - ئىمارەتلەر كۆپەيگەن، لېكىن غەربىي شىمالدىكى چوڭ شەھەر ئىسكەندىرىيىنىڭ روناق تېپىشى بىلەن ئۇنىڭ تەسىرى ئاستا - ئاستا تارايغان. رىم ئىپېرىيىسى دەۋرىگە كەلەەندە خارابلاشقا. ⅨⅩ ئەسىرنىڭ ئاخىرقى مەزگىللىرىدە، ئەنگلاىيىلىك ئارخېئولوگ پېتېريې قېزىش ئىشىنى ئېلىپ بېرىپ، ئاپوللون ئىبادەتخانىسى ۋە يۇنان سودا سارىيى قاتارلىقلارنىڭ خارابىسىنى تاپقان. سودا سارىيى ئۆز زامانىسىدىكى مال سارىيى ۋە ئىشلەپچىقىرىش زاۋۇتى، قۇرۇلمىسى مۇستەھكەم ھەم قورۇق تېمى بولۇپ، ئېھتىمال مىسىردىكى گرېكلار پاناھلىنىدىغان جاي بولسا كېرەك. بۇ قەدىمكى گرېكلارنىڭ مىسىردىكى تۇرمۇش ئەھۋالىنى تەتقىق قىلىشنى قىممەتلىك ماتېرىيال بىلەن تەمىنلىگەن.