Uyghur主要词典
نائىم فراشېرى
دۇنيا تارىخى
(1846 - 1900) ئالبانىيىلىك شائىر، مىللىي ئويغىنىش ھەرىكىتىنىڭ رەھبەرلىرىدىن بىرى. ئەدەبىي ئىجادىيەت ۋە سىياسىي پائالىيەتلەرگە كەڭ قاتناشقان، قېرىندىشى ئابدۇل فرانشېرى، سامى فرانشېرى بىلەن بىرلىكتە نام چىقارغان. 1882-يىلى ئالبانىيە نەشرىيات جەمئىيىتىگە قاتناشقان ۋە رەھبەرلىك قىلغان، ئالبان تىلىدا تۇنجى دەرسلىك تۈزگەن. <ئېتىزلار ۋە ھايۋانلار> دېگەن داستانى، <يازنىڭ گۈلى> دېگەن لىرىك شېئىرلار توپلىمى، <ئىسكەندەر بېي> دېگەن ئىپىك داستانى قاتارلىق ئەسەرلىرى بولۇپ، ئۇنىڭدا ۋەتەننى قىزغىن مەدھىيىلىگەن، ئالبانىيە خەلقىنىڭ تۈركىيە ئەزگۈچىلىرىگە قارشى باتۇرانە كۈرىشىنى مەدھىيىلىگەن.