Uyghur主要词典
ناۋا
ئاھاڭداش سۆزلەر
ئىسىم.
ئۆي، پېشايۋانلارنىڭ ئۆگزىسىنىڭ قىر - قېشى، لەمپە.
ئۆينىڭ ناۋاسى. * پېشايۋاننىڭ ناۋاسى.
ئاھاڭداش سۆزلەر
ئىسىم.
نەغمە، ئۇيغۇر كلاسسىك مۇزىكىسى «ئون ئىككى مۇقام» نىڭ ئونىنچىسىنىڭ نامى.
ناۋا مۇقامى، ئون ئىككى چوڭ نەغمە، ئالتە داستان، ئۈچ مەشرەپتىن تەركىب تاپقان.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
سەنئەتنىڭ بىر تۈرى، چالغۇ ئەسۋابلىرى بىلەن ئورۇنلانغان كۈي.
نەغمە دىل ئوزۇقى. نەغمىسى يوق توي، مورىسى يوق ئۆي. ناۋا بولمىغان يەردە راھەت يوق. مۇزىكا جەمئىيەتنىڭ مەھسۇلاتى، شۇنداقلا ئەمگەكچى خەلقنىڭ قەلب ساداسى.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
چالغۇ ئەسۋابلىرىنى چېلىشتىن چىققان ئاھاڭلىق، رېتىملىق كۈي.
سازىغا قاراپ ئۇسسۇلى. ئۆلۈمنىڭ يىغىسى بار، توينىڭ نەغمىسى. قۇشلار ناۋا قىلىدۇ، كۆڭۈلنى خۇش ئېتىدۇ. ئۆيدە گەپ - سۆزنىڭ بولماسلىقى _ تويدا ساز - نەغمىنىڭ بولماسلىقى.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
پارىسچە
بىناكارلىق
قۇرۇلۇشتا ياغاچ، خىش، لاي ياكى گەجدىن پېتىنقى قىلىپ ياسالغان شەكىل.
بۇ سارايدىكى چىرايلىق ناۋالارنى، كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان نەپىس نەقىشلەرنى كۆرگەندە، كىشىلەر قادىرخان نەققاشنى ھۆرمەت بىلەن ئەسكە ئېلىشاتتى.^
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
پارىسچە
كۈي، ئاھاڭ، مېلودىيە.
ناۋا قىلماق.
ئۇتۇق قۇچۇپ ئۆتكۈزەر مەرد ئىشچىلار كېچىنى. شادلىق، ناۋا قاپلىغان يورۇق سېخنىڭ ئىچىنى ....
ئۇيغۇر كلاسسىك مۇزىكىسى <ئون ئىككى مۇقام> نىڭ ئونىنچىسىنىڭ نامى. ئۇ 20 نەغمە، 209 مىسرا بولۇپ، چوڭ نەغمە 10 نەغمە، 100 مىسرادىن؛ 3 داستان 6 نەغمە، 56 مىسرادىن؛ 2 مەشرەپ 2 نەغمە، 44 مىسرادىن تەشكىل تاپقان.
ناۋا مۇقامى.
ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى
ئەرلەرگە خاس ئىسىم
پ
ناۋا قىلماق، كۈيلىمەك