Uyghur主要词典
ناتۇرال ئىگىلىك
دۇنيا تارىخى
تاۋار ئىگىلىكىگە مۇتاناسىپ. ئىشلەپچىقارغۇچىلارنىڭ ئۆز ئېھتىياجىنى قاندۇرۇشنى مەقسەت قىلغان ئىگىلىك شەكلى. يەنى ئىشلەپچىقارغۇچى ياكى ئىشلەپھىقىرىش ئورنى ئۆزىدىكى ئىقتىسادىي شارائىتلاrدىن پايدىلىنىپ، ئۆز - ئۆزىنى تەمىنلەشنى ئىشقا ئاشۇرىدۇ، ئىشلەپچىقىرىشتا ئاساسەن، ئالماشتۇرۇشنى مەقسەت قىلمايدۇ. ئومۇمەن ئېيتقاندا، ئەمگەك ئىش تەقسىماتى يەككە ئائىلىنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى تەبىئىي ئىش تەقسىماتى (ئالايلۇق، ئەرلەرنىڭ تېرىقچىلىق قىلىشى، ئاياللارنىڭ رەخت توقۇشى) بىلەن ياكى ئىشلەپچىقىرىش ئورنىنىڭ ئىچكى قىسمى (ئالايلۇق، يېزا جامائەلىرى ياكى فېئودال قورۇلار) دىكى قول ھۈنەرۋەنچىلىك، قوشۇمچە كەسىپ ۋە دېھقانچىلىق ئىش تەقسىماتى بىلەنلا چەكلىنىدۇ؛ ئىشلەپچىقىرىش كۆلىمى تار بولۇپ، ئاساسەن ئاددىي تەكرار ئىشلەپچىقىرىش بولۇپ ئىپادىلىنىدۇ، كونا قائىدىلەرگە يېپىشىۋېلىنغانلىقتىن، ئىشلەپچىقىرىش تېخنىكىسى ئاساسەن سىرت بىلەن ئالاقە قىلىشماسلىق ھالىتىدە تۇرغان بولىدۇ. ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنىڭ تۆۋەن سەۋىيىسى ۋە ئىجتىمائىي ئىش تەقسىماتىنىڭ تەرەققىي قىلمىغان ئەھۋالىغا ماسلاشقان بولۇپ، كاپىتالىزمدىن بۇرۇنقى جەمئىيەتتە ھۆكۈمران ئورۇننى ئىگىلىگەن. قۇللۇق ۋە فېئوداللىق جەمئىيەتتىن ئىبارەت ئۇزاق دەۋردە ئىجتىمائىي ئىش تەقسىماتى بىلەن تاۋار ئىگىلىكى بەزى رايونلاردا خېلى تەرەققىي قىلغان، لېكىن ئومۇمەن ئېيتقاندا تاۋار ئىگىلىكى يەنىلا بېقىندى ئورۇندا تۇرغان. فېئوداللىق جەمئىيەتنىڭ ئاخىرقى مەزگىلىگە كەلگەندە، ئىجتىمائىي ئىشلەپچىقىرش كۈچلىرى ۋە شەھەر ئىقتىسادىنىڭ تېز ئۆسۈشىگە ھەمدە كاپىتالىستىك ئىشلەپچىقىرىش ئۇسۇلىنىڭ ياۋروپادا مەيدانغا كېلىشىگە ئەخشىپ، ناتۇرال ئىگىلىك بارا - بارا كاپىتالىستىك تاۋار ئىگىلىكىگە ئورۇن بوشىتىپ بەرگەن. لېكىن تەرەققىي تاپمىغان كاپىتالىزم ۋە مۇستەملىكە، يېرىم مۇستەملىكىلەرنىڭ ئىجتىمائىي ئىگىلىكىدە، ناتۇرال ئىگىلىك ياكى يېرىم ناتۇرال ئىگىلىكنىڭ خاراكتېرى يەنىلا ئوخشاش بولمىغان دەرىجىدە ساقلىنىپ قالغان.