Chinese→Uyghur主要词典
纳塔尔共和国
دۇنيا تارىخى
ناتال جۇمھۇرىيىتى
جەنۇبىي ئافرىقىدىكى بۇرلار جۇمھۇرىيىتى. ناتال جەنۇبىي ئافرىقا (ئازانىيە) دىكى دراكېنېسبېرگ تاغلىرى بىلەن ھىندى ئوكياننىڭ ئارىلىقىغا جايلاشقان بولۇپ، ئەسلىدە زولۇلار ئولتۇراقلاشقان جاي ىولغان. 1824-يىلى ئەنگىيىنىڭ تەسىر كۈچى دېڭىز بويلىرى رايونىغا بېسىپ كىرگەن. 1837-يىلى بۇرلار كۆچۈپ كېلىپ، زولۇلارنىڭ يەرلىرىنى ئىگىلىۋالغان. 1838-يىلى بۇرلار دىنگائان رەھبەرلىكىدىكى قارشىلىق كۆرسىتىش كۈرىشىنى مەغلۇپ قىلىپ، جۇمھۇرىيەت قۇرغنا. 1843-يىلى ئەنگلىيە بۇ جاينى ئىشغال قىلىپ، ئەنگلاىيىگە قاراشلىق زېمىنغا ئايلاندۇرغان. 1844-يىلى ئۇنى كاپ مۇستەملىكىسىگە قوشۇۋەتكەن. 1856-يىلى ئەنگلىيىگە بىۋاسىتە قاراشلىق مۇستەملىكىگە ئۆزگەرتكەن، 1893-يىلى ئاپتونومىيە ھۆكۈمىتى قۇرۇلغان. 1907-يىلى يەنە ئەنگلىيىگە قوشۇۋېتىلگەن. 1910-يىلى جەنۇبىي ئافرىقا ئىتتىپاقىدىكى تۆت رايوننىڭ بىرەە ئايلانغان.