Uyghur主要词典
ناسارالار
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
«قۇرئان كەرىم» دە ۋە ھەدىس شېرىپتە خرىستىئان مۇخلىسلىرى شۇنداق دېيىلىدۇ. ئىسلام دىنى ئاللانىڭ ئۇلارغا ئىيسانى پەيغەمبەر قىلىپ ئەۋەتكەنلىكىنى ھەمدە «ئىنجىل» نى نازىل قىلغانلىقىنى ئېتىراپ قىلىدۇ. شۇڭا ئۇلار «ئەھلى كىتاب» دېيىلىدۇ. «ناسارا» ئاتالغۇسى ئىسلام دىنىدىكى ئىلاھىيەتشۇناسلىققا دائىر كېيىنكى ئەسەرلەردە داۋاملىق قوللىنىلدى.