Uyghur←Chinese主要词典
نارۋائېس
دۇنيا تارىخى
纳尔瓦埃斯
nà ěr wǎ āi sī
(1800 - 1846)، 1847 - 1851، 1856 - 1857، 1864 - 1865، 1866 - 1868(. ۋالېنسىيە گرتسوگلۇقى ئۇنۋانى بېرىلگەن. ئاقسۆڭەك ئائىلىسىدىن كېلىپ چىققان بولۇپ، 15 يېشىدا ھەربىي سەپكە كىرگەن، ⅨⅩ ئەسىرنىڭ 30-يىللىرى كارلوسچىلارغا قارشى ئۇرۇشقا قاتناشقان. 1836-يىلى گېنېرالىققا ئۆستۈرۈلگەن. 1838-يىلى ھەربىي مەنسىپىدىن ئېلىۋېتىلگەن. ئۇ سىياسىي جەھەتتە مۆتىدىل ئەركىنچىلەرگە مەنسۇپ، 1838-يىلى سېۋىلىيىدە <تەرەققىيپەرۋەرلەر پارتىيىسى> دىن بولغان ئېسپارتېرو ھۆكۈمىتىگە قارشى پائالىيەتكە قاتناشقان، مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن، جەبىلتارق ۋە پارىژغا قېچىپ كەتكەن. 1843-يىلى ۋەتىنىگە قايتىپ كېلىپ، بىر قىسىم ئارمىيىنىڭ قوللىشى ئاستىدا ئېسپارتېرو ھۆكۈمىتىنى ئاغدۇرۇپ تاشلاپ، ئەمەلىي مۇستەبىتكە ئايلانغان. باش ۋەزىر بولۇپ تۇرغاندا، 1844- ۋە 1848-يىللاردىكى ھۆكۈمەتكە قارشى قوزغىلاڭنى باستۇرغان؛ 1845-يىلىدىكى ئاساسىي قانۇننى تۈزگەن؛ قوشۇن ئەۋەتىپ رىمدا پاپانىڭ دەھرى ھاكىمىيىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى قوللىغان؛ ئاندالۇسىيىدىكى دېھقانلار ھەرىكىتىنى ۋە مادرىد قوزغىلىڭىنى باستۇرغان.