Uyghur←Chinese主要词典
نارىتا تومۇمى
دۇنيا تارىخى
成田知已
chéng tián zhī yǐ
(1912 - 1979) ياپونىيە سوتسىيالىستلار پارتىيىسىنىڭ رەئىسى. كاگاۋا ناھىيىلىك بىرلەشمىسىنىڭ باشلىقى، سوتسىيالىستلار پارتىيىسى ئورگان گېزىتى باشقارمىسىنىڭ باشلىقى، سىياسەتنى تەكشۈرۈش باشقارمىسىنىڭ باشلىقى، مەركىزىي ئىجرائىيە ھەيئىتى قاتارلىق ۋەزىپىلەردە بولغان.ل 1962-يىلى سوتسىيالىستلار پارتىيىسى سېكرىتارىياتىنىڭ سېكرىتارى بولغان. 1968 - 1977-يىللىرى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ باشلىقى بولغان. 12 قېتىم ئاۋام پالاتاسىنىڭ ئەزالىقىغا سايلىنىپ، گۈرۈچ باھاسىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى، ئاۋام پالاتاسى ئېلېكترىك ئالاقىلىشىش كومىتېتى باشلىقى قاتالرىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتىگەن. 1957-يىلى 4-ئايدىن باشلاپ جۇڭەودا كۆپ قېتىم زىيارەتتە بولغان. ئارىلىقتا 1975-يىلى 5-ئايدا سوتسىيالىستلار پارتىيىسىنىڭ ئالتىنچى قېتىملىق جۇڭگونى زىيارت قىلىش ئۆمىكىنى باشلاپ جۇڭگودا زىيارەتتە بولغاندا، بېيجىڭدا لياۋچېڭجى بىلەن <جۇڭەو - ياپونىيە دوستلۇق ھەمكارلىقى ۋەكىللەر ئۆمىكى بىلەن ياپونىيە سوتسىيالىستلر پارتىيىسىنىڭ جۇڭگونى ئالتىنچى قېتىملىق زىيارەت قىلىش ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ بىرلەشمە باياناتى> نى ئىمزالىغان. جۇڭگو - ياپونىيە دۆلەتلىرىنىڭ قوشنىدارچىلىق مۇناسىۋىتىنىڭ نورماللىشىشى ئۈچۈن تۆھپە قوشقان.