Uyghur←Chinese主要词典
نارسېس
دۇنيا تارىخى
纳西斯
nà xī sī
(تەخمىنەن مىلادىن 478 - 357) ۋىزانتىيە ئىمپېرىيىسىنىڭ سەردارى. ئەرمىنىيىلىك. ھەرەم ئاغىسى بولغاندا ئىمپېراتور يوستىنىئان بىلەن خانىكە تېئودورا (تەخمىنەن مىلادى 508 - 548) نىڭ ئىشەنچىسىگە ئېرىشكەن. 538-يىلى بۇيرۇققا بىنائەن ئىتالىيىگە بېرىپ بېلسارىغا ماسلىشىپ شەرقىي گوتلار بىلەن جەڭ قىلغان، كېيىن بېلسارىغا ماسلىشىپ شەرقىي گوتلار بىلەن جەڭ قىلغان، كېيىن بېلسارى بىلەن زىتلىشىپ قالغاچقا قايتۇرۇپ كېلىنگەن. ئۇزۇن ئۆتمەي بېلسارىمۇ قايتۇرۇپ كېلىنگەن. 542-يىلىدىن كېيىنشەرقىي گوتلار ئۆزىنىڭ پادىشاھى تۇتىلانىڭ باشچىلىقىدا قايتۇرما ھۇجۇمغا ئۆتۈپ، مەغلۇبىيەتنى غەلىبىگە ئايلاندۇرغان. 544-يىلى بېلسارى يەنە بىر قېتىم ئىتالىيىگە يۈرۈش قىلىپ مەغلۇپ بولغان. 548-يىلى نارسېس ئۇنىڭ ۋەزىپىسىنى ئۆتكۈزۈۋالغان. 552-يىلى يازادا ئۇ تاگىنا (ئىتالىيىنىڭ ئوتتۇرا قىسمىغا جايلاشقان) جەڭدە شەرقىي گوتلارنى مەغلۇپ قىلغان، تۇتىلا يارىدار بولۇپ ئۆلۈپ كەتكەن. 455-يىلى كاسسىلىنۇم (جەنۇبىي ئىتالىيىگە جايلاشقان) جېڭىدە يەنە فرانكلار بىلەن ئالېمانىلارنى مەغلۇپ قىلىپ، ئىتالىيىنى قايتۇرۇۋېلىپ ۋىزانتىيىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىغا قاراقتان. 555-يىلى ۋىزانتىيىنىڭ ئىتالىيىدە تۇرۇشلۇق ئالىي ئەمەلدارلىقىغا تەيىنلەنگەن. 567-يىلى ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇلغان.