Uyghur主要词典
نارودنىكلار
دۇنيا تارىخى
ⅩⅨ ئەسىرنىڭ 60-يىلىرىدىن 70-يىللىرىغىچە روسىيە ئىنقىلابىي ھەرىكىتى جەريانىدا مەيدانغا كەلگەن ئۇششاق بۇرژۇئا گۇرۇھى. ئەينى ۋاقىتتا، روسىيە كاپىتالىزم تەرەققىي قىلىشقا باشلىغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇششاق ئىشلەپچىقىرىش يەنىلا ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلىگەن بولۇپ، ئىنقىلاب قىلىشنى تەلەپ قىلىدىغان بەزى ئۇششاق بۇرژۇئا زىيالىيلىرى <خەلق ئارىسىغا بېرىش> شوئارىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، دېھقانچە كىيىنىپ يېزىلارغا بېرىپ چار پادىشاھ مۇستەبىت تۈزۈمىگە قارشى تەشۋىقات خىزمىتى بىلەن شۇغۇلىنىپ، ئۆزىنى خەلقنىڭ جەۋھىرى دەپ ئاتىغاچقا، <نارودنىكلار> دەپ ئاتالغان. ئۇ، روسىيىدە كاپىتالىزم تەرەققىياتىنىڭ مۇقەررەرلىكىنى، پرولېتارىياتنىڭ ئەڭ ئىنقىلابىي، ئەڭ ئىلغار سىنىپ ئىكەنلىكىنى ئىنكار قىلىپ، زىيالىيلار رەھبەرلىكىدىكى دېھقانلار ئاساسلىق ئىنقىلابىي كۈچ، دېھاقنلارنىڭ <يېزا جامائەسى> سوتسىيالىزمنىڭ تۆرەلمىسى ۋە ئاساسى، <يېزا جامائەلىرى> نى راۋاجلاندۇرغاندىلا، سوتسىيالىزمغا ئۆتكىلى بولىدۇ، دەپ قارىغان. ئۇلار <تارىخنى قەھرىمانلار ياراتقان> دېگەن ئىدېئالىزملىق تارىخ قارىشىنى تەرغىپ قىلىپ، خەلق ئاممىسىنىڭ ئولۇغرولىغا سەل قاراپ، ئاممىنى <قەھرىمانلار> غا قارغۇلارچە ئەگىشىپ ماڭىدىغان <قارا تۈرۈك> لەر دەۋالغان. 1876-يىلى مەخپىي ئىنقىلابىي تەشكىلات - <يەر ۋە ئەركىنلىك پارتىيىسى> نى تەشكىللىگەن، كېيىن بۇ <يەرنى تەڭ تەقسىم قىلىش ئۇيۇشمىسى> ۋە <قارا تۈرۈك> لەر دەۋالغان. 1876-يىلى مەخپىي ئىنقىلابىي تەشكىلات - <يەر ۋە ئەركىنلىك پارتىيىسى> نى تەشكىللىگەن، كېيىن بۇ <يەرنى تەڭ تەقسىم قىلىش ئۇيۇشمىسى> ۋە < خەلق ئىرادىسى پارتىيىسى> گە بۆلۈنۈپ كەتكەن. كېيىنكى ئايرىم ھۆكۈمران شەخسلەرنى قەتلى قىلىشتىن ئىبارەت شەخسىي تېررورلۇق ۋاسىتىسىنى قوللىنىپ، چار پادىشاھ تۈزۈمىگە قارشى تۇرۇش كۈىرشىنى قانات يايدۇرۇشنى تەشەببۇس قىلغان. بۇ خىل نۇقتىئىنەزەر <ناردونىكلىق> دەپ ئاتالغان. ئۇلار نەزەرىيە ۋە تاكتىكا جەھەتتە خاتا بولسىمۇ، لېكىن فېئودال مۇستەبىتلىك تۈزۈمگە قارشى تۇرغان. شۇڭا مۇئەييەن ئىنقىلابىيلىقى بولغان. بۇ مەزگىلدىكى ئاساسلىق ۋەكىلى لاۋروۋ قاتالىقلاردىن ئىبارەت. 80-يىللار ۋە 90-يىللارغا كەلگەندە، كاپىتالىزمنىڭ يەنىمۇ ئىلگىرىلەپ تەرەققىي قىلىشى ۋە چار پادىشاھ ھۆكۈمىتىنىڭ دەھشەتلىك باستۇرۇشى بىلەن كۆپلىگەن نارودنىكلار باي دېھقانلار مەنپەئەتىنىڭ ۋەكىللىرىگە ئايلىنىپ، چار پادىشاھى تۈزۈمى بىلەن مۇرەسسەلىشىشنى تەشەببۇس قىلىپ، ماركسىزمغا جاھىللىق بىلەن قارشى تۇرغان. بۇ مەزگىلدىكى ئاساسلىق ۋەكىلى دانىئېلسون (1844 - 1918)، ۋورونتسوۋ (1847 - 1918) قاتارلىقلاردىن ئىبارەت. لېنىن <خەلق دوستلىرى دېگەن نېمە ۋە ئۇلار سوتسىيال دېموكراتلارغا قارشى قانداق كۈرەش قىلىدۇ؟> ۋە <روسىيە كاپىتالىزمىنىڭ تەرەققىياتى> قاتارلىق ئەسەرلىرىدە نارودنىكلارنىڭ ئىدىيىسىنى ئۈزۈل - كېسىل تەنقىد قىلغان.