Uyghur主要词典
ناربون گاللىيە
دۇنيا تارىخى
قەدىمكى يەر نامى. ئورنى ھازىرقى فرانسىيە (قەدىمكى زاماندا گاللىيە دەپ ئاتالغان) نىڭ شەرقىي جەنۇبىي دېڭىز قىرغاقلىرى ئەتراپىغا توغرا كېلىدۇ. مىلادىدىن ئىلگىرى Ⅱ ئەسىردە، رىم بۇ جايغا ئاھالە كۆچۈرگەن. تەخمىنەن مىلادىدىن 118 يىل ئىلگىرى كېلتلارنىڭ قەدىمكى شەھىرى ناربون (ھازىرقى ناربوننې) نى ئىگىلىۋالغان؛ شۇنىڭ بىلەن رىم دۆلىتى ئالىپ تاغلىرى بىلەن پرېنېي تاغلىرى ئوتتۇرىسىدا بىر مەمۇرىي ئۆلكە - ناربون گاللىيىنى قۇرۇپ، ئەمەلدار ئەۋەتىپ باشقۇرغان. بۇ رايون ئىتالىيە بىلەن ئىسپانىيىنى تۇتاشتۇرىدىغان قۇرۇقلۇق يولىغا ئايلانغان.